باش بەت | كېيىم–كېچەك

شەيدايى

 

     

      شەيدايى — تاجىك ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى باش كىيىمى بولۇپ، روشەن ياش پەرقىگە ئىگە. ئۇنى ئادەتتە چوكانلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار كىيىدۇ. چوكانلارنىڭ شەيدايىسىدا قېنىق قىزىل رەڭ كۆپرەك بولىدۇ. ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ شەيدايىسىنىڭ رەڭگى قىز –چوكانلارنىڭكىدىن سۇسراق رەڭدە بولىدۇ.ئادەتتىكى چوڭ ياشتىكى ئاياللار شەيدايى كىيمەيدۇ. شەيدايى چوڭ جەھەتتىن كۇلتانىڭ بىر تۇرى بولۇپ، ئارقا تەرىپىمۇ ئالدى تەرىپىگە ئوخشاش يۇمىلاق بولىدۇ، يەنى كۇلتىدەك گەدەنگە چۈشىدىغان ئۇزۇنراق قىسمى بولمايدۇ.

   

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر