باش بەت | كېيىم–كېچەك

ئۇيغۇرلاردىكى پوتا باغلاش ئادەتلىرى

      ئۇيغۇر ئەرلىرى بېلىگە پوتا باغلاشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە ئۇنى ئەرلەرگە خاس مەردانىلىك ۋە چەبدەسلىكنىڭ نىشانى، دەپ بىلىدۇ. ئادەتتىكى چاغلاردا ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ پوتىسى ھەر خىل رەڭدىكى يىپ ياكى يىپەك رەختلەردىن ئىشلىنىدۇ. ئۇزۇن – قىسقىلىقى بىردەك بولمايدۇ. تەخمىنەن ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىردىن كۆپرەك، كەڭلىكى ئەللىك سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ياش يىگىتلەر كۆپرەك قىزىل، يېشىل ياكى گۈللۈك، ياشانغانلار قارا رەڭلىك رەختلەردىن پوتا باغلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. پوتا باغلاش ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى تاشقى كىيىم ئالاھىدىلىكى ئاساسىدا پەيدا بولغان. بىزگە مەلۇمكى، ئەرلەرنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمى ئاساسەن ئۇزۇن بولۇپ، تىزنى يېپىپ تۇرىدىغان ئالدى ئوچۇق تون شەكىللىك كۆڭلەك ياكى تون بولۇپ ، ئۇنىڭغا تۈگمە ياكى ئىزما قادىمايدۇ. شۇڭا بۇ كىيىمىنى بەلدىن پوتا بىلەن باغلىۋېلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، بۇ خىل تون ياكى تونچە كۆڭلەكنىڭ يانچۇقى بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، پوتا يەنە يانچۇق رولىنىمۇ ئوينايدۇ. ئۇيغۇر ئەرلىرى دائىم بېلىدىكى پوتىسىغا نان ياكى باشقا لازىمەتلىك نەرسىلەرنى تۈگۈۋالىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا ، ئۇيغۇرلار بەلنى مۇھاپىزەت قىلىشقا بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. بەلگە سوغۇق تېگىپ قېلىشتىن ناھايىتى ئېھتىيات قىلىدۇ. پوتا باغلاش بەلنى ئاسراشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى بولۇپ، ئۇ بەلگە سوغۇق تېگىش ۋە سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلايدۇ. قورساق سېلىپ كېلەڭسىز سەمىرىپ كېتىشنىڭمۇ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يالغۇز ئۇزۇن كۆڭلەك ياكى تون كىيگەن كىشىلەرلا پوتا باغلاپ قالماستىن، كالتە چاپان ياكى خالتا كۆڭلەك كىيىدىغان ياشلارمۇ پوتا باغلايدۇ. ئومۇمەن، پوتا باغلاش ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش ئادىتى ۋە ئىستېتىك تەلىپى بىلەن زىچ باغلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەشرەپلىرىدە مەخسۇس ‹‹پوتا ئويۇنى›› ئوينىلىدۇ.

  

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر