باش بەت | كېيىم–كېچەك

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئاياغ كىيىمى—پىيما

 تاھىرجان نىياز

 

      پىيما كۈز پەسلىدە قىرقىلغان قوي يۇڭىدا ئېتىلىدۇ. ئەتىياز ياكى ياز كۈنلەردە قىرقىغان قوي يۇڭىدا ئېتىشكە بولمايدۇ. پىيمىچى ئۇستىلار يۇڭنى يۇمشاق ئاتقاندىن كېيىن، يۇڭنى چىغ ئۈستىگە ئۆتۈك شەكلىدە تەكشى سالىدۇ. ئىچىگە چاپلاشتۇرمايدىغان رەخت سېلىپ يۇڭنى خامداپ بولغاندىن كېيىن قول ئارقىلىق دومىلىتىپ قاتۇرىدۇ.

      پىيمىنىڭ چىڭ، قاتتىق بولۇشى ئۈچۈن يۇڭغا كىسلاتالىق سۇيۇقلۇق، كۈنجىرا قاتارلىق نەرسىلەر ئارىلاشتۇرىلىدۇ. پىيمىنى كىيىش ئوبيېكتلىرىغا ئاساسەن ئەرەنچە، ئايالچە قىلىپ ئېتىشكە بولىدۇ. پىيما بەكمۇ ئىسسىق بولۇپ، قەھرىتان قىش كۈنلىرى بەكمۇ راھەت، بولۇپمۇ قار كۆپ ياغىدىغان، سوغاق قاتتىق بولىدىغان رايونلادا پىيما ئەڭ ياخشى ئاياغ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر پىيمىنىڭ تاپىنىغا چەم قويدۇرۇۋالسا ئون يىلدىن ئارتۇق كىيىشكە بولىدۇ.

      ھازىر پىيما تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. بەزى جايلاردا مەخسۇس پىيمىچىلىق دۇكانلىرى قۇرۇلدى. ئۇ ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشتە مۇھىم رول ئويناپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىلىك جايلىشىش ئەھۋالى، مەدەنىيىتى، ئىستېتىك قاراشلىرى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ رايونىغا كەلگەن بىر قىسىم چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر پىيمىنى چەت ئەللەرگە ئېلىپ چىقىپ تەتقىقات ئوبيېكتى قىلماقتا.

پىيما بازىرى قىزىپ كەنت

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر