باش بەت | كېيىم–كېچەك

چەكمەن

 بۈمەريەم شېرىپ خۇشتار

 

      ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەتىۋارلىق رەخت – چەكمەن نەپىس، چىرايلىق ھەم چىداملىقلىقى بىلەن ئاجايىپ قىممەتكە ئىگە.

      ئۇ يەرلىك ئۇسۇلدا توقۇلىدىغان بىر خىل ئەتىۋارلىق رەخت. ئۇنىڭغا قوي ۋە تۆگە يۇڭلىرى خام ئەشيا قىلىنىدۇ. چەكمەن توقۇيدىغان يۇڭ پاكىز تازىلىنىپ، ياغاچ چېلەك (يىپ ئېگىرىدىغان ياغاچ سايمان) بىلەن قولدا ئىنچىكە ئېگىرىلىدۇ. يىپ تەقلەنگەندىن كېيىن، ياز كۈنلىرى ھاۋاسى سالقىن ئورۇن تاللىنىپ 20 مېتىردەك ئارىلىققا ئىككى قوزۇق قېقىلىپ يىپ يۆگىلىدۇ، ئاندىن ئۇزۇنلۇقى 40 سانتىمېتىر، كەڭلىكى ئون سانتىمېتىر تاختاي موكا ئورنىدا ئىشلىتىلىپ رەخت توقۇلىدۇ، قېلىچ شەكىللىك بىر تاختاي بىلەن توقۇلغان قىسمى چىڭدىلىدۇ.

      خەلقىمىز چەكمەننى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە چەت ئەلگە تۇغقان يوقلاشقا، ساياھەتكە بارىدىغانلار چەكمەننى ئېسىل سوۋغات سۈپىتىدە ئېلىپ ماڭماقتا. تۆگە يۇڭىدا توقۇلغان چەكمەن ھەر خىل كېسەللەرگە شىپا بولۇپ، رىماتىزمنى پەسەيتىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قان ئايلىنىشنى نورماللاشتۇرۇش، نېرۋىنى ياخشىلاش جەھەتتە ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە. توقۇمىچىلىق سانائىتى زور تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۆگە يۇڭى چەكمىنى ئۆزىنىڭ نەپىسلىكى بىلەن بازار رىقابىتىدە يەنىلا بەلگىلىك ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولماقتا.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر