باش بەت | كېيىم–كېچەك

جۇۋىچىلىق

 بۈمەريەم شېرىپ خۇشتار

 

     

      خەلقىمىزدە جۇۋىچىلىقنىڭ تارىخى ئۇزاق. بۇنىڭدىن 4000 يىل بۇرۇنلا كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا چارۋا بېقىلغان، كۆن – خۇرۇم ئىشلەنگەن، ئاشلانغان تېرىدىن كىيىم تىكىلگەن. خەلقىمىز شەھەرلىشىپ قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغاندىن باشلاپ جۇۋىچىلىق كەسىپلەشكەن.

      بىزدە جۇۋىچىلىقنىڭ تۈرى كۆپ، رەختى، رەڭگى خىلمۇخىل. كاسىپلىرىمىز قوي، تۈلكە، بۆرە، سۈلەيسىن، تىيىن، سۇغۇرلارنىڭ تېرىلىرى ۋە قاما، سۆسەر، كەمچەت، ئەلتېرەلەردىن جۇۋا تىكىدۇ. جۇۋىلار تاشلىق، تاشسىز ئىككى خىل بولىدۇ. تاشلىق جۇۋىلارغا مەخمەل، دۇخاۋا، مويىت، سارجا، باستون، كىبرىكوت، ھەرخىل تېرىكە، چېبەرقۇت، چەكمەن قاتارلىقلار قاپلىنىدۇ. تاشسىز جۇۋىلار تېرە پېتى ئاق قالدۇرۇلىدۇ ياكى قارا، سېرىق، پور ياكى جىگەر رەڭدە بويىلىدۇ.

جۇۋىچىلىق سايمانلىرى: قايچا، تېرە كېسىدىغان پىچاق، ئەندىز، يىپ، يىڭنە، ئويماق، گەز، شىلىم قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

      تېرە پىششىقلاش ئۇسۇلى: جۇۋا تىكىلىدىغان ھەرقانداق تېرە سۇغا چىلاپ يۇمشىتىلىپ، تېرىدىكى قالدۇق ياغ، گۆش، شىللىق ئەتلەر قىرىۋېتىلگەندىن كېيىن ئاشلىنىدۇ. تېرە ئاشتىن چىققاندىن كېيىن ئەيلىنىپ، ئۇۋۇلاپ يۇمشىتىلىدۇ. تېرە سىقىمغا كەلگۈدەك يۇمشىغاندا يۈزىگە سۇ پۈركىلىپ، تېخىمۇ يۇمشىتىپ تارتىشتۇرۇلۇپ، پۈرلەشكەن، قىيپاش جايلىرى تۈزەشتۈرۈلۈپ، تامغا كېرىپ مىخلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تېرىدىكى ئۆلچەمسىز ئورۇنلار تۈزلىنىدۇ.

      تېرىنى جۇۋىغا دەللەپ كېسىش ئۇسۇلى: تېرىنىڭ يۈزى تەرىپىدىن ئەندىز قويۇلۇپ، تېرە كېسىش پىچىقى بىلەن كېسىلىدۇ. تىكىشتە تېرىنىڭ يۇڭى ئىچىگە قىلىنىپ، يۈز تەرىپى جۈپلەشتۈرۈلۈپ يىڭنە يىپ بىلەن يۆمىلىدۇ. جۇۋىنىڭ پەش، ياقا، يەڭلىرىنى ئولتۇرغۇزۇش چاپانلارنىڭ تىكىلىشىگە ئوخشايدۇ. جۇۋىنىڭ تېشى قايچا بىلەن ئەندىز بويىچە كېسىلىپ(ئىلگىرى يىڭنە – يىپ بىلەن قولدا، ھازىر ماشىنىدا)تىكىلىپ، جۇۋىغا قاپلانغاندىن كېيىن ياقا، ئېتەكلىرى يۆمىلىدۇ. چوڭ ياقا ياكى كەمچەت، قاما، تۈلكە، ئەلتېرە ياقىلار جۇۋىغا ئايرىم ئولتۇرغۇزۇلىدۇ.

      تاشسىز جۇۋىلارنىڭ ياقىسىدىن تارتىپ پەش ۋە ئېتەك چۆرىلىرىگە، يەڭ ئۇچىلىرىغا ئىككى سانتىمېتىر كەڭلىكتە بىر خىل رەڭلىك ئەلتېرىدىن جىيەك تۇتۇلىدۇ. جىيەكنىڭ قىرىغا تېرىدىن تىرناق چوڭلۇقىدا ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك نەقىش چىقىرىلىدۇ. تاشسىز جۇۋا، ئاساسەن، تون شەكلىدە تىكىلىدۇ. 

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر