باش بەت | كېيىم–كېچەك

كاچۇڭلۇقلارنىڭ تۇماق مەدەنىيىتى

  ئەكرەمجان مەترۇسۇل ئۈمىدى

 

      يارىشىملىق كىيىم – كېچەك ئادەمنىڭ چىراي گۈزەللىكى ۋە ئىچكى دۇنياسىنى تېخىمۇ روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان مۇھىم ۋاستىدۇر، خەلقىمىز ئەزەلدىن باش كىيىملىرىنى ئۆزلىرىنىڭ گۈزەللىك تۇيغۇسى، جۇغراپىيىلىك شارائىتى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىگە ئاساسەن تىكىپ كىيگەن.

     كاچۇڭلۇقلارنىڭ باش كىيىمى – كاچۇڭ تۇمىقىمۇ تىكىش جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكى، ئوبرازلىق مەزمۇنى، نۇسخا ئالاھىدىلىكى، گۈزەل سەنئەت جەھەتتىكى نەپىسلىكى بىلەن «كاچۇڭ سەنىمى» ئارقىلىق ئوبرازلىق ئەكس ئېتىپ، قەدىمدىن ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلدى ھەمدە تاغلىق رايوندىكى خەلقىمىزنىڭ قەدىمكى دۇنيا قارىشىنى، گۈزەللىك، تۇرمۇش قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ساياھەتچىلىك ھەم مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتا مىللىي ئەنئەنە، مىللىي ئالاھىدىلىك سۈپىتىدە ئەۋلادتىن –ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

كاچۇڭ يىگىتى

      كاچۇڭ – يەكەن ناھىيىسىنىڭ تاغلىق يېزىسى بولۇپ، بۇ يېزا قارا قۇرۇم تاغلىرى بىلەن قورشىلىپ تۇرىدۇ، يەكەن دەرياسىنى ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ، كاچۇڭلۇقلار ئادەتتە، بولۇپمۇ مەشرەپلەردە دائىم ئېگىز قارا كۆرپە تۇماق كىيىشكە ئادەتلەنگەن، كاچۇڭدا قارا كۆرپە تۇماق كىيىش ئادىتى 13 – ئەسىردىن ئىلگىرىلا ئومۇملاشقان بولۇپ، كاچۇڭ تۇمىقى ئۈچ خىل نۇسخىدا بولىدۇ: 1– نۇسخا، ئېگىز نوغۇچ تۇماق بولۇپ، بۇ خىل تۇماق قارا قوزىنىڭ تېرىسىدا تىكىلىدۇ، ئېگىزلىكى 30 – 35 سانتىمېتىرغىچە بولىدۇ؛ 2 – نۇسخا، ئارا تۇماق بولۇپ ، بۇمۇ قارا قوزىنىڭ تېرىسىدە تىكىلىدۇ. ئېگىزلىكى25 – 30 سانتىمېتىرغىچە بولىدۇ؛ 3 – نۇسخا، سالۋاي تۇماق بولۇپ، بۇ قوينىڭ ئۆسەك تېرىسىدا تىكىلىدۇ. ئېگىزلىكى 10– 15 سانتىمېتىرغىچە بولىدۇ، ئادەتتە ئاياللار كىيىدىغان تۇماقلارنىڭ سىرتقى قىسمى يىپەك رەختتە نەپس ۋە لاتاپەتلىك قلىپ تىكىلىدۇ، ئەرلەرنىڭ تۇمىقىنىڭ سىرتقى قىسمى تاشلانمىغان بولۇپ، بۇنىڭغا بىر قاراپلا بۇ باش كىيىمنىڭ ئەرلەرنىڭ ياكى ئاياللارنىڭ ئىكەنلىكىنى ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولىدۇ، بۇ باش كىيىم يەنە سىرتتىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارغا سوۋغا قىلىنىدۇ.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر