باش بەت | كىيىم – كېچەك

ياغلىق

 

 

       ياغلىق – ئۇيغۇر ئاياللىرىدا قەدىمدىن تارتىپ ‹‹دوپپا ئۈستىگە ياغلىق چىگىش›› ئادىتى ئومۇملاشقان. ياغلىق ھازىر ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاساسلىق باش كىيىمى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياغلىق ئارتىشى ھازىرغا قەدەر ئاياللار ئەمەل قىلىشقا تىگىشلىك قائىدە – يۇسۇن دەپ قارىلىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياغلىقىنىڭ خىلى كۆپ، رەڭگى ھەر خىل، جۇلالىق، ئادەتتە كۆپرەك ئىشلىتىدىغانلىرى تىۋىششال (يۇڭ ياغلىق)، غىجىما ياغلىق، يىپەك ياغلىق، گىرىپ ياغلىق، ھىلىلە ياغلىق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇيغۇر ئاياللىرى قىشتا كۆپرەك تىۋىشال، يازدا كۆپرەك يىپەك ياغلىق چىگىدۇ. ياغلىق تاللاشتا، ياشىراق ئايال – قىزلارنىڭ ياغلىقى كىچىكرەك، رەڭگى ئوچۇق ، بەزىلىرىگە گۈل – گىياھلارنىڭ نۇسخىسى كەشتىلەنگەن، ئوتتۇرا ياش، ياشانغان ئاياللارنىڭ ياغلىقى سەل چوڭراق، رەڭگى، نۇسخىسى نەپىس ھەم كۆركەم كېلىدۇ. 20 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدىن بۇرۇن، ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئەت پەتىۋالىرى تۈپەيلىدىن ئاياللار تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كېيىن ‹‹ئاياللار يۈزى ئوچۇق تالا – تۈزگە چىقسا نامەھرەم بولىدۇ›› دەپ ياغلىق ئۈستىگە يەنە چۈمبەل تارتاتتى. چۈمبەل كۆپ ھاللاردا قارا ياكى قوڭۇر رەڭدە بولاتتى. 1949 – يىلدىن كېيىن، ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ كۆتىرىلىشىگە ئەگىشىپ ، ئۇيغۇر ئاياللىرى چۈمبەلدىن ئازاد بولدى.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر