باش بەت | كىيىم – كېچەك

قازاق مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم – كېچەكلىرى

 

      قازاق مىللىتى — جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى. قازاق مىللىتى ئاساسلىقى چارۋىچىلىق بىلەن، قوشۇمچە يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، كىگىز ئۆيدە تۇرىدۇ، تاماقلىنىشتا گۆش بىلەن سۈتنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىچىلار قىشتا ‹‹تۇماق›› كىيىدۇ، ياش ئاياللار بېشىغا ئاق لېچەك چىگىدۇ، ئۈستىگە گەجگىسىنى باسقۇدەك ياغلىق يېپىنىدۇ، ياغلىقنىڭ سول تەرەپ يۇقىرىسىغا بىر تال بېزەك تاقايدۇ. قويۇق يايلاق مەدەنىيىتى تۈسىدىكى قول – ھۈنەر سەنئىتى ۋە ئاتلىق ھەر خىل تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرى ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى قازاق خەلقىنىڭ ئەمگەكچان، باتۇرلۇقنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر