باش بەت | كىيىم – كېچەك

مىللىي كىيىم – كېچەك كەسپى جانلىنىش دەۋرىگە كىردى

ئابدۇۋەلى مەخپۇللا

 

      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەدەنىيەت ئۆزگىچىلىكىگە ئىگە بىر قىسىم كەسىپلەردە يۈكسىلىش بولغان بولسىمۇ، ئەمما يېمەك – ئىچمەكتىن قالسىلا ئاساسلىق ئىستېمال قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرىدىغان كىيىم – كېچەك ساھەسى تۆۋەن تەرەققىيات ھالىتىدە تۇرغانىدى. دۇنيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ تەسىرىدە تاشقى سودا ۋە ساياھەتچىلىك زور تەسىرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما 2009 – يىلى كىيىم – كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا كۈتۈلمىگەن جانلىنىش بولدى. كىيىم – كېچەك ئېلانلىرىنىڭ ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە ئېلانچىلىقىغا بۆسۈپ كىرىشى ئەسلىدىكى يېمەك – ئىچمەك ۋە گىرىم بۇيۇملىرى، سوپۇن قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان ئېلانچىلىق قۇرۇلمىسىدا تەڭشىلىش ۋەزىيىتىنى ھاسىل قىلدى. مەھسۇلات ئېلانچىلىقى شۇ كەسىپنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ھەقىقىي ۋەكىللىك قىلالمىسىمۇ، لېكىن، بازار بوشلۇقىدا شۇ كەسىپ سىستېمىسىنىڭ تەدرىجىي شەكىللىنىۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ.

      2009 – يىلى مىللىي كىيىم – كېچەك كەسپىنىڭ جانلىنىشى ھەم بىر يۈرۈش كىيىم – كېچەك ماركىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى، ئاساسلىقى، ئىككى نۇقتىدا گەۋدىلەندى. بىرىنچىدىن، ئۇزاق يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى ‹‹دۆڭكۆۋرۈك›› سودا چەمبىرىكىدە كىيىم – كېچەك كەسپىنىڭ راۋاجلىنىشىغا تۈپ ئاساس سالىدىغان بىر يۈرۈش لايىھەلەش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش كەسىپ ئامىللىرى پىشىپ يېتىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى ھەم بۇ كەسىپ ئامىللىرى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، كورلا، غۇلجا قاتارلىق جايلاردىكى كىيىم – كېچەك بازىلىرى بىلەن زىچ بازار مۇناسىۋىتىنى ھاسىل قىلدى. بىرقىسىم كارخانا، شىركەت ۋە تىجارەتچىلەر قاتلىمى پىشىپ يېتىلىشكە يۈزلەندى. بولۇپمۇ ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى مىللىي كىيىم – كېچەك بازارلىرىدا مەخسۇس ماركىدىكى دۇكانلار پەيدا بولدى، شۇنداقلا يېڭىچە بازار ئېچىش، ۋاكالەتچى چاقىرىش يوللىرىغا تەدرىجىي يۈزلەندى. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە مىللىي كىيىم – كېچەك كارخانىلىرى كىيىم – كېچەكنىڭ لايىھەلىنىشى ۋە ماتېرىيال سۈپىتى، مىللىي پاسون بىلەن مودا ئېقىملىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، بىر قىسىم شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال خاھىشىنى يېڭىباشتىن قولغا كەلتۈردى ۋە ئۆزىگە قاراتتى. ئىككىنچىدىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا – كەنتلەرنىڭ كىيىم – كېچەك ئىستېمالى جانلىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. بۇ رايونىمىزدىكى مىللىي كىيىم – كېچەك كەسپىنىڭ راۋاجلىنىشىنى يېڭىراق، مۇقىم ۋە يوشۇرۇن بازار ئېھتىياجى كۈچلۈك ئىستېمال مەنبەسى بىلەن تەمىنلىدى.

      مىللىي كىيىم – كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى مىللىي ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىدا شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توقۇمىچىلىق سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بىرىنچىدىن، كىيىم – كېچەك كەسپى ئەمگەك زىچلىقىنى ئاساس قىلغان كەسىپ بولغاچقا، مەيلى زاۋۇتلىشىش ياكى دۇكاندارچىلىق نۇقتىسىدىن بولسۇن، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىشتە ئەھمىيىتى زور. ئىككىنچىدىن، كىيىم – كېچەك كەسپى مىللىي سانائەتنىڭ بىخلىنىشىدا زور تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە كەسىپ بولۇپ، يوشۇرۇن بازار بوشلۇقى ناھايىتى چوڭ. ئومۇميۈزلۈك كەسىپ تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىستېمال نۇقتىلىرىنى ئوبدان تەتقىق قىلىش، نىشانلىق ھالدا ھەرقايسى قاتلام بازار بوشلۇقلىرىنى تەدرىجىي ئېچىش كېرەك. بۇنىڭدا لايىھەلەش، ماتېرىيال سۈپىتى ۋە يېڭى پاسونلارنى ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتلەردە زور كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. كىيىم – كېچەك كارخانىلىرى دەسلەپكى كاپىتال جۇغلاش باسقۇچىدىكى بۇيرۇتۇپ مەھسۇلات ئىشلەشتىن ئۆزلىرى زاۋۇت قۇرۇپ، لايىھەلەش ئەترىتى تەشكىللەپ، سېتىش، ۋاكالەتچىلىك تورلىرىنى تەسىس قىلىشتىن ئىبارەت يېڭىچە كارخانىلىشىش يولىغا مېڭىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۈچلۈك ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كىيىم – كېچەكلىرى بىلەن زامانىۋى ئىستېمال مودا ئېقىمىنى بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىچە مەھسۇلات تۈرلىرىنى ۋە مودا شەكىللەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق، مىللىي خاسلىقى كۈچلۈك بازار ئىستېمالى كەيپىياتىنى يېتەكلىشى كېرەك.

 

(ئاپتور: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى)

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر