باش بەت | كىيىم – كېچەك

بەقەسەم تون

      بەقەسەم تون — قىزىل، سېرىق يوللۇق قىلىپ توقۇلغان يوللۇق بەقەسەمدىن داكا بىلەن ئەستەرلىنىپ، شىرىق قىلىپ قولدا تىكىلىدىغان بولۇپ، قېتىغا قەغەزدەك قېلىنلىقتا بىلىنگۈسىز دەرىجىدە پاختا ئېلىنىپ،1 سانتىمېتىر كەڭلىكتە شىرىق قىلىپ تىكىلىدۇ. چاپاننىڭ بىلى تار، ئېتىكى كەڭ، يېڭى بولسا تار ۋە ئۇزۇن، چاپاننىڭ بويى 1.20 مېتىر، بەل 1.34 مېتىر، ئېتەكنىڭ كەڭلىكى 2.60 مېتىر، يەڭ 85 سانتىمېتىر، يەڭ ئاغزى 10 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭغا تونچە ياقا سېلىنغان بولۇپ، ئوڭ تەرىپى قىسقا، كۆكرەككە كېلىدۇ، سول پەش ئۇزۇن، قولتۇققا يېتىدۇ. قولتۇق ئاستى ۋە يېقىن تەرەپكە بوغقۇچ بېكىتىلگەن. 1976 – يىلى ھازىرقى ئاۋات ناھىيەسىگە تەۋە تال قۇدۇق خارابىلىقىدىن قېزىۋېلىنغان. ۋاقتى 16–،17– ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

      بۇ بەقسەم تون، 1976 – يىلى ھازىرقى ئاۋات ناھىيەسىگە تەۋە تال قۇدۇق خارابىلىقىدىن قېزىۋېلىنغان. ۋاقتى 16 –، 17 – ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

       

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر