باش بەت | يىمەك–ئىچمەك

بەتتە پولو

 

       خۇرۇچى:

      گۈرۈچ ئىككى كىلوگرام، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، گۆش 500 گرام، سوققان كاۋاۋىچىن بىر چىمدىم، ياغ 200 گرام، سامساق بىر تال، يېسىۋىلەك(بەسەي) 250 گرام، پۇرچاق ئۇنى 35 گرام، پىنتوزا 140 گرام، سوققان زەرچىۋە بىر چىمدىم، سۇڭپىياز 70 گرام، زىرە مۇۋاپىق، پەمىدۇر بىر تال.

      ئېتىش ئۇسۇلى:

     1. گۈرۈچنى ئىلمان سۇ بىلەن 3 - 4 قېتىم يۇيىمىز.

     2. سەۋزىنى قەلەمچە، گۆشنى نېپىز، يالپاق، يېسىۋىلەكنى چاچتەك ئىنچىكە توغرايمىز. پىنتوزىنى قىزىق سۇغا چىلاپ قويىمىز، سۇڭپىياز، پەمىدۇر(شوخلا)، سامساقلارنى ئۇششاق توغرايمىز.

     3. قازانغا 140 ~ 150 گىرام ياغ قۇيۇپ، 7 -8 دەرىجە قىزىتىپ، ياخشى داغلانغاندىن كېيىن گۆشى شىلىۋېلىنغان سۆڭەكنى ياغقا سېلىپ رەڭگى قىزارغىچە قورۇيمىز. كېيىن سۆڭەكنى ئېلىۋېتىپ، پىيازنىڭ بىر قىسىمىنى قازانغا سېلىپ سارغايتىپ توغرالغان سەۋزىنى سالىمىز ۋە ئازراق تۇز سېپىپ ئارىلاشتۇرۇپ قورۇيمىز. سەۋزە قورۇلۇپ قىزغۇچ رەڭگە كىرگەندە، پولوغا كېتىدىغان سۇنىڭ يېرىمىنى قۇيۇپ، ئۇنىڭغا زىرە، ئازراق زەرچىۋە سېلىپ، 10 – 15 مىنۇت قاينىتىمىز. زىرۋەكنىڭ تۇز تەمىنى تەڭشەپ، گۈرۈچنى سېلىپ، گۈرۈچنىڭ ئۈستىدىن بىر سانتىمىتىر كۆتۈرۈلۈپ تۇرغۇدەك قايناق سۇ قۇيۇپ، ئوتنى پەسەيتىپ، چوغنىڭ قىزىقىدا قازان تەكشى قاينايدۇ. ئاش قايناۋاتقاندا بىر نەچچە يېرىگە تاياق سانجىمىز، گۈرۈچ سۇنى ئاساسەن سىڭدۈرۈپ بولغاندا، ئاشنى 15 – 10مىنۇت دەم يېدۈرىمىز.

     4. توغرالغان گۆشكە چىلانغان پۇرچاق ئۇنى، تۇز سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، قازاندىكى 7- 6 دەرىجە قىززىقلىقتىكى ياغقا گۆشنى سېلىپ قىزارتىپ قورۇپ،ئاندىن سۇڭپىيازنى سېلىپ بىر – ئىككى ئىلەشتۈرۈپ ئۇششاق چانالغان پەمىدۇرنى سېلىپ قورۇپ ئارقىدىن يېسىۋىلەكنى(بەسەينى)سېلىپ سارغايغىچە قورۇيمىز. قورۇش جەريانىدا زەنجىۋىل سۈيى، كاۋاۋىچىن، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز سېلىنىدۇ. ئاندىن ئازراق سۇ قۇيۇپ، يۇمشاتقان پىنتوزىنى، سامساقنى سېلىپ ئارىلاشتۇرىمىز. سەي لېگەنگە ئۇسۇلغان پولونىڭ ئۈستىگە سېلىنىدۇ.

     ئالاھىدىلىكى:

     بەتتە پولو قىش پەسلىدە شۇنداق ئېتىلىدۇ. لېكىن ياز پەسلىدە يېسىۋىلەك(بەسەي) ئورنىغاجاڭدو، تەرخەمەك كەرەپشىلەنى ئارىلاشتۇرۇپ ئەتسىمۇ ياكى خالىغان كۆكتات تۈرىدىن بىر نەچچە خىلنى قوشۇپ قورۇپ ئەتسىمۇ بولىۋېرىدۇ.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر