باش بەت | يىمەك–ئىچمەك

نان قايناق

        خۇرۇچى: قاتتىق ياكى خامسۇق قالغان نان، گۆش، پىياز، ماي، تۈگۈنەك، چامغۇر، تۇز، يۇمغاقسۈت، سامساق

      تەييارلاش ئۇسۇلى: گۆشنى توغراپ، قازاندىكى ماي قىزىغاندا قورۇپ، پىشاي دېگەندە تۈگۈنەك، چامغۇر، پىيازلارنى سېلىپ قورۇپ، سۇ قۇيۇپ قاينىغاندىن كيىن قېتىپ كەتكەن ياكى خامسۇق قالغان نانلارنى قاقتەك پارچىلاپ، قازانغا سېلىپ قاينىتىمىز. قاتتىق نانلار قايناپ يۇمشىغاندا توغرالغان يۇمغاقسۈت، سامساقلارنى سېلىپ، تۇزىنى تېتىپ، قاچىلارغا ئۇسۇپ بېرىمىز.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر