باش بەت | يىمەك–ئىچمەك

كۆك چۆچۈرىسى

        خۇرۇچى: بېدە كۆكى 500 گىرام، قۇيرۇق ماي 200 گىرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

      تەييارلاش ئۇسسۇلى: باھاردا بىخ سۈرگەن بېدىنى يىغىۋېلىپ، يۇيۇپ تۇزلاپ، ئاندىن چانايمىز. چانالغان بېدىنى قۇيرۇق مايغا ئارىلاشتۇرۇپ، خېمىر جىلتىسىغا 25 گرامدىن سېلىپ تۈگىمىز. ئۇنى سۇدا ياكى ئاق شورپىدا پىشۇرىمىز. بۇ چۆچۈرىنى سۈزمىگە قوشۇپ ئىستېمال قىلىمىز. قىيمىسىنى قۇيرۇق ماي بىلەن تەييارلايمىز. ئۇ بولمىغان ئەھۋالدا ئىچ ماي ياكى مەسكە مېيى بىلەن تەييارلىساقمۇ بولىدۇ.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر