باش بەت | يىمەك–ئىچمەك

خۇرۇچلار (4)

  ئۆتكۈر خۇرۇچ

      بۇخۇرۇچ ئۈچ لىتىردىن ئارتۇق تەييارلانمايدۇ . قازانغا 500 گىرام سۇ ماينى قۇيۇپ قىزدۇرىمىز. ياغقا قەلەمچە شەكلىدە توغرالغان پىيازنى سالىمىز. پىياز كۆيۈشكە باشلىغاندا ئېلىۋېتىمىز. ئاندىن ھەر خىل ئۇششاق توغرالغان كۆكتاتلاردىن (غولپىياز ، قىزىلمۇچ، كاپۇستا، سەۋزە، تۇرۇپ ) بىر كىلوگرام سېلىپ قورۇيمىز . ئۇنىڭغا 100 گىرام شاكاراپ ، يېرىم لىتىر ئاچچىقسۇ (كېپەك ، ئۈزۈملەردىن ئېچىتىلغان) قۇيۇپ تەمىنى تەڭشەيمىز .

     كۆكتاتلارنى پىشىۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئالتە لىتىر ھەر خىل شورپىدىن قۇيۇپ قاينىتىمىز . كۆكتاتلارنى ئايرىم قاچىغا ئېلىۋېلىپ، سۈيىنى ئىككى سائەت سۇس ئوتقا قويۇپ قويىمىز. ئۇنى كورىغا ئېلىپ، بىر نەچچە كۈن قويۇپ تىندۇرىمىز ( ئۇنى ئۆزى قاينىغان كورىدا تىندۇرسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ). شۇڭىمۇ، ئۇيغۇر ئاشپەرلىرى بۇ خۇرۇچنى ‹‹قېرى شورپا›› دەپمۇ ئاتىشىدۇ .

      بۇ خۇرۇچتا قوي، كالا گۆشلىرىنى قايناتقىلى، شۇ ئارقىلىق گۆشكە ئالاھىدە مەززىلىك تەم كىرگۈزگىلى بولىدۇ. خۇرۇچقا قوشۇلىدىغان سۇ گۆشنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ قۇيۇلىدۇ. بېلىق ۋە قۇش گۆشلىرىگە ئىشلىتىدىغان بۇ خىل خۇرۇچ ئاشۇ قۇشلارنىڭ گۆش شورپىسى ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ.

ھەسەل خۇرۇچ

      سىرلانغان كورىغا 300 گىرام سۇ قۇيۇپ ، ئۇنىڭغا 200 گىرام شېكەر سېلىپ قاينىتىمىز . ھاسىل بولغان شېكەر قىيامىغا 500 گىرام ھەسەل قوشىمىز ۋە تا قويۇلغۇچە قاينىتىمىز. ئارىلاشما قويۇلۇپ سوزۇلۇشچان ھالەتكە كىرگەندىلا، ئاندىن بۇ خۇرۇچ تەييار بولغان بولىدۇ. بۇ خۇرۇچ ھەسەل قىيامى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خۇرۇچنى بالىلارنىڭ ياكى ئاغرىقلارنىڭ تاماقلىرىغا سېلىپ ئىشلەتسەك بولىدۇ. تاتلىق –تۈرۈملەرنى پىشۇرۇشتىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ .

ھەسەل – ماي خۇرۇچى

      500 گىرام ئېرىتىلگەن سۇيۇق ھەسەلگە 500 گىرام مەسكە مېيى قوشۇپ ياخشى ئىلەشتۈرىمىز . بۇ خۇرۇچ ئەتىگەنلىك ناشتىدا قۇيماق، سامسا ۋە سالاتلارغا قوشۇپ ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئۇنى بولكا، نانلارغا سۈركەپ يېسىمۇ بولىدۇ.

گۈرۈچ ئۇنى خۇرۇچى

      500 گىرام مەسكە مېيىنى قىزدۇرۇپ، ئۇنىڭغا 100 گىرام قەلەمچە قىلىپ توغرالغان پىيازنى سلېىپ قىزارغىچە قورۇيمىز . 300 گىرام گۈرۈچ ئۇنىنى ئاستا سېپىپ سېلىپ سۇس ئوتتا پىشۇرىمىز. ئۇن سارغۇچ رەڭگە كىرگەندە، ئۇنىڭغا ئۈچ لىتىر شورپا قۇيىمىز. ئەگەر ئۇن ئۆسۈملۈك مېيىىدا ياكى ھايۋانات مېيىدا قورۇلغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا سۆڭەك شورپىسى ياكى سۇ قۇيۇش كېرەك. ئايرىم تائاملارغا بۇ خۇرۇچ زەيتۇن مېيى ياكى كۈنجۈت مېيىدىن تەييارلىنىدۇ.

     ئەگەر بۇ خۇرۇچنى بالىلار ياكى ئاغرىقلارنىڭ تامىقى ئۈچۈن تەييارلىساق، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا تۇز سالماي 50 گىرام قىيام ئارىلاشتۇرىمىز. بۇ تاتلىق گۈرۈچ ئۇنى خۇرۇچى بولۇپ چىقىدۇ.

شەربەت خۇرۇچى

      كورىغا يېرىم لىتىر قاينىغان سۈتنى قۇيۇپ ئۇنىڭغا 300 گىرام ئۇششاق توغرالغان باشپىيازنى سالىمىز. سۈت بىر ئاز سوۋۇغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا يەنە 50 گىرام ئارپىبەدىيان ياكى كۆكنار قوشۇۋېتىمىز. يەنە ئىككى قوشۇق شېكەر ، بەش تۇخۇم سېلىپ ياخشى ئىلەشتۈرىمىز.

شەربەر خۇرۇچنى توقاچلارنىڭ يۈزىگە سۈرتسەك، تەملىك ۋە چىرايلىق پىشىدۇ يەنە بىر قانچە تائاملارغا قوشۇپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

سامساق خۇرۇچى

      500 گىرام سامساقنى ئاقلاپ، تازىلاپ ، سوقۇپ ، ئاندىن ئۇششاق چانايمىز. 200 گىرام كۆكمۇچنى چاناپ، چانالغان سامساققا قوشۇپ بىر سىرلىق كورىغا سالىمىز. ئۈستىگە 500 گىرام چۈچۈگەن ئۆسۈملۈك ماينى قۇيىمىز، 500 گىرام پەمىدۇرنى قايناق سوغا بىر چىلىۋېتىپ، ئاندىن ئۇششاق چاناپ، سامساق، مۇچ ئارىلاشمىسىغا قوشىمىز. بۇ خۇرۇچ گۆشلۈك تائاملارغا ئىشلىتىلىدۇ.

قىزىلمۇچ قىيامى

      100 گىرام قىزىلمۇچ تالقىنىنى 100 گىرام ئاچچىقسۇغا چىلاپ قويىمىز. 200 گىرام سامساقنى ئۇششاق چاناپ، ئۈستىگە سېلىپ ئاندىن 200 گىرام چۈچۈتۈلگەن ئۆسۈملۈك ماينى قۇيىمىز . ھەممىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئارىلاشتۇرىمىز . ئۇنىڭغا يەنە بىر قوشۇق خۇش پۇراق ماتېرىيالنىمۇ قوشساق بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا بىر قوشۇق تۈز ئېرىمىسى قوشۇپ قويساق، ئۇنى ئۇزاق ۋاقىتقىچە ساقلىغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇر تائاملىرى ئىچىدە قىزىلمۇچ قىيامى كەم بولسا بولمايدۇ.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر