باش بەت | رايۇنلار

ئۈرۈمچى

              2008 – يىلى 4 – ئاينىڭ 17 – كۈنى

 

     

        ئۈرۈمچى — شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، قاتناش، سودا مەركىزى. تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە ئۈرۈمچى دەرياسى بويىدا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇھاپىزەتچى بېگى تەسىس قىلىنغان. چىڭ سۇلالىسى چيەنلۇڭنىڭ 23 – يىلى (1758 – يىلى) بۈگۈنكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قوۋۇقىدا سېپىل بەرپا قىلىنغان، چيەنلۇڭنىڭ 32– يىلى ‹‹دىخۇا›› يېڭى بازىرى قۇرۇلغان . 1884 – يىلى شىنجاڭ ئۆلكىسى قۇرۇلۇپ ، دىخۇا ئۆلكە مەركىزى قىلىنغان. 1934– يىلى شەھەر قىلىپ تەسىس قىلىنغان. 1954 – يىلى نامى ئۈرۈمچىگە ئۆزگەرتىلگەن. جەنۇبتىن شىمالغا قارىتا كەڭلىكى 153 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە قارىتا ئۇزۇنلۇقى 190 كىلومېتىر، شەھەر رايونىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 700–900 مېتىر كېلىدۇ . شەھەرنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى11 مىڭ 444 كۋادرات كىلومېتىر ، شەھەر رايونىنىڭ يەر مەيدانى 835 كۋادرات كىلومېتىر ، شەھەر رايونىنىڭ قۇرۇلۇپ بولغان كۆلىمى 140 كۋادرات كىلومېتىر. ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليون 80 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر نوپۇسى 1 مىليون 730 مىڭ ، يېزا نوپۇسى 340 مىڭ. ھازىر سەككىز رايون ( تىيانشان رايونى ، سايباغ رايونى ، يېڭى شەھەر رايونى ، شۇيموگۇ رايونى، دۇڭسەن رايونى، تۇدۇڭخابا رايونى، نەنسەن كان رايونى، داۋانچىڭ رايونى ) ۋە بىر ناھىيە ( ئۈرۈمچى ناھىيىسى) قاراشلىق. يەر تۈزۈلۈشى جەنۇبىي ئېگىز ، شىمالىي پەس، شىمالىي قىسمى تىنما تۈزلەڭلى. لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈريولى، شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريولى ھەمدە دۆلەت يولىنىڭ 312 –، 31 – ۋە 216 – لىنىيىلىرى شەھەر رايونىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. مەملىكەت ئىچىگە ئېچىلغان ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى 29، خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيىسى بەش بولۇپ، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئەڭ چوڭ ئاۋىئاتسىيە ئېچىۋېتىلگەن پورتىغا ئايلانغان. ئۈرۈمچى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئۇنىۋېرسال سانائەت شەھىرى بولۇپ، نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش، توقۇمىچىلىق، ماشىنىسازلىق، پولات – تۆمۈر، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، خىمىيە سانائىتى، ئېلېكترون، رەڭلىك مېتال، كۆمۈر، يېنىك سانائەت، يېمەكلىك سانائىتى قاتارلىقلارنى ئالاھىدىلىك قىلغان سانائەت سىستېمىسى شەكىللەنگەن. 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر