باش بەت | رايۇنلار

قاراماي

        2008 – يىل 6 – ئاينىڭ 23 – كۈنى

قاراماي شەھىرى

      ئومۇمىي ئەھۋالى : قاراماي شەھىرى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان، ئەتراپى تارباغاتاي ۋىلايىتى بىلەن، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسمى كۈيتۈن شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، قاراماي شەھىرىگە مايتاغ رايونى، قاراماي رايونى، جەرەنبۇلاق رايونى ۋە ئۇرخۇ رايونى قارايدۇ، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قاراماي شەھىرىدە. ئاساسلىقى خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان.

      تەبىئىي بايلىقى: قاراماي شەھىرىنىڭ يېرى كەڭ ھەم تۈز بولۇپ، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ مەركىزىگىرەك توغرا كېلىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇن، شەرقتىن غەربكە تار بولۇپ، سوزۇنچاق شەكىلنى ھاسىل قىلغان. سۇ بايلىقىدىن دەم دەرياسى، ئەيرىك كۆلى قاتارلىقلار بار. نېفىت، تەبىئىي گاز قاراماي شەھىرىنىڭ ئاساسلىق قېزىلما بايلىقى بولۇپ، نېفىت قاتلىمى نېپىز، زاپىسى مول، زاپىسى مول، نېفىت سۈپىتى مول، نېفىت – گاز ھەممە يەرگە تارقالغان بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى ئاساسلىق نېفىتلىكلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش رايونى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھازىرغىچە بايقالغان ۋە زاپىسى ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن تەبىئىي ئاسفال، كۆمۈر، تۇز، گەج، گلاۋبېر تۇزى ، تاش پاختا ، خرۇستال قاتارلىقلار بار . ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىدىن جەرەن، ياۋا توشقان ، ياۋا توڭگۇز ، تۈلكە ، يىلان ، قىرغاۋۇل قاتارلىقلار بار ،ياۋا دورا ئۆسۈملۈكلىرىدىن يەر مەدىكى ،توشقان زەدىكى ، چۈچۈكبۇيا ، چاكاندا ، ئاق بۇيا ، ئادراسمان ، قومۇش يىلتىزى ، پەربۇن قاتارلىق 230 خىلدىن ئارتۇقى بار . قاراماي شەھىرى تىپىك قۇرۇقلۇق ئىقلىم رايونىغا تەۋە بولۇپ ، يىللىق ئوتتۇرچە تېمپېراتۇرىسى ℃8.6، يىللىق ئوتتۇرچە ھۆل – يېغىن مىقدارى 105.7 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2745.4 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرچە قىروسىز مەزگىلى 224 كۈن .

      ئىگىلىك ئىقتىسادى : قاراماي شەھىرى مەملىكىتىمىزدىكى مۇھىم نېفىت ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ بىرى ، شۇنداقلا يېڭىدىن گۈللەنگەن زامانىۋى نېفىت سانائىتى شەھىرى ، ،بۇ شەھەردە ‹‹چوڭ نېفىت ، چوڭ نېفىت–خىمىيە ، چوڭ يېزا ئىگىلىك ، چوڭ بازار ››دىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئىستراتېگىيە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغان بولۇپ، چارلاش، ئېچىش، نېفىت ئايرىش، خىمىيە سانائىتى، نېفىت – گاز توپلاپ يوللاش ، مەھسۇلات يوللاش ، نېفىتلىك قۇرۇلۇشى ، پەن – تەتقىقات لايىھىلەش ، رېمونت ، ماشىنىسازلىق ، توك تارقىتىش، سۇ تەمىنلەش قاتارلىق تۈرى بىر قەدەر تولۇق بولغان نېفىت – خېمىيە سانائىتى سىستېمىسى ۋە داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش، مەدەنىيەت – مائارىپ، سودا، شەھەر قۇرۇلۇشى، مالىيە، پۇل–مۇئامىلىسى، جامائەت ئىشلىرى ئاساسەن يۈرۈشلەشكەن زامانىۋى نېفىت سانائىتى شەھىرى شەكىللەندى. سانائەت مەھسۇلاتلىرىدىن نېفىت، نېفىت مەھسۇلاتى ۋە نېفىت – خىمىيە مەھسۇلاتى بار، بۇنىڭ ئىچىدە نېفىت مىقدارى ئاپتونوم رايون بويىچە ئېلىنىدىغان نېفىت مىقدارىنىڭ 2/1ىنى تەشكىل قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئېكولوگىيىلىك چوڭ يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساس قىلىنغان بولۇپ، سەپلىمە كەسىپ ۋە يېڭى تۈۋرۈك كەسىپ شەكىللەنگەن.

      قاتناش ۋە ساياھەتچىلىكى: قاراماي شەھىرى شىمالىي شىنجاڭ رايوننىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى ، شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى ، ئۈرۈمچى–كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، دۆلەت يولى 312 – لىنيىسى مايتاغ رايوننىڭ شىمالىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، دۆلەت يولى 217 – لىنيىسى پۈتۈن قاراماينى ئۇزۇنىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. شەرق تەرىپىدىكى 201 – ئۆلكە يولى بىۋاسىتە مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچى، غەرب تەرىپىدىكى 221 – ئۆلكە يولى بىۋاسىتە چۆچەككە تۇتىشىدۇ. قارامايدا ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان بولۇپ، تاشيول قاتنىشى ئاساس قىلىنغان ، پۇقرالار ئاۋىئاتسىيىسى، تۆمۈر يول، تۇرۇبىلىق توشۇش بىللە يولغا قويۇلغان قاتناش – ترانسپورت ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن. قاراماي شەھىرى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن بايقالغان تۇنجى چوڭ نېفىتلىك، ئەينى يىللاردا ‹‹قاراماي ناخشىسى›› چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدا، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەن ئېقىنلىرىدا ياڭراپ، غەربىي شىمالدىكى قارا گۆھەر دەپ تونۇلغانىدى. مەنزىرىلىك ساياھەت نۇقتىلىرىدىن دۇنياغا مەشھۇر بولغان داڭلىق مەنزىرىلىك رايون ‹‹شەيتانكەرىش››، غەربىي رايون چۆللۈكى باغچىسى، قاراماي تېغى قاتارلىقلار بار.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر