باش بەت | رايۇنلار

خوتەن ۋىلايىتى

            2008 – يىل 6– ئاينىڭ 23 – كۈنى 

 

      ئومۇمىي ئەھۋالى: خوتەن ۋىلايىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدا. شەرقى بايىنغولىن ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن، جەنۇبىي شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن، غەربى قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن، شىمالى ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربى جەنۇبىي كەشمىر بىلەن چېگرىلىنىدۇ. خوتەن ۋىلايىتىگە خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى، گۇما ناھىيەسى، لوپ ناھىيەسى، چىرا ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسى ۋە نىيە ناھىيەسى قارايدۇ. ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە خوتەن شەھىرىدە. 2003 – يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 743 مىڭ 800 بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان.

      تەبىئىي بايلىقى: خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي ئېگىز ، شىمالى پەس بولۇپ، غەربتىن شەرققە قىيپاش كەلگەن، جەنۇبى كۆپ چوققىلىق كوئىنلۇن چوققىسى، ئوتتۇرا قىسمى تاغ ئالدى يانتۇلۇق بەلبېغى، شىمالى قىسمى تەكلىماكان قۇملۇقى، سۇ بايلىقىدىن خوتەن دەرياسى، يۇرۇڭقاش دەرياسى، كېرىيە دەرياسى قاتارلىق چوڭ – كىچىك 36 دەرياسى بار، ھازىرغىچە بايقالغان ۋە زاپىسى ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىقلاردىن كۆمۈر، مىس، تۆمۈر، ماگنىي، ئالتۇن، ھاك تاش، قاشتاش قاتارلىق 60 خىلدىن ئارتۇقى بار، ئۇنىڭ ئىچىدە خوتەن قاشتېشى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق. ياۋايى ھايۋانلاردىن ياۋا قوتاز ، تىبەت قۇلىنى ، تىبەت بۆكىنى ، كۆكيامان ، ئۇلار قاتارلىقلار بار ، ياۋا دورا ئۆسۈملۈكلىرىدىن چوڭ سۇزاپ ، تاغ لەيلىسى ، چاكاندا ، چۈچۈكبۇيا، يەر مەدىكى قاتارلىقلار بار. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون مۆتىدىل بەلباغ ياكى سوغۇق مۆتىدىل بەلباغ ئىقلىمىغا كىرىدۇ يىللىق ئوتتۇرچە تېمپېراتۇرىسى℃ 13.4، يىللىق ئوتتۇرچە ھۆل – يېغىن مىقدارى 51.3 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2504.6 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرچە قىروسىز مەزگىلى 236كۈن.

      ئىگىلىك ئىقتىسادى: خوتەن ۋىلايىتى تارىخى ئۇزۇن سۇغىرىش تىپىدىكى دېھقانچىلىق رايونى بولۇپ، ئەزەلدىن‹‹ئاشلىق ئامبىرى››،‹‹مېۋە–چېۋە ماكانى›› دېگەن گۈزەل نامى بار . دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاشلىق، پاختا، ياغلىق دان قاتارلىقلار بار. باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، كەڭ تارقالغان، ئۇنىڭ ئىچىدە قەغەز ياڭاق ، ئۈجمە، ئاق ئۆرۈك، قاتارلىقلار بىر قەدەر داڭلىق. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ سانائەت تەرەققىياتى نىسبەتەن تېز بولۇپ، توك تارقىتىش، كۆمۈر قېزىش ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يىپەك، گىلەم، توقۇمىچىلىق، قاشتېشى، ھاراق ئېچىتىش قاتارلىق تۈرلىرى بار. ئۇنىڭ ئىچىدە خوتەن ھېقىق ئانىرى، سۈپەتلىك ئۈزۈم ۋە قۇملۇقتىكى ياۋا قىزىلگۈلدىن چىقىرىلىدىغان خوتەن ئانار ھارىقى ۋەكىللىكىدىكى يېشىل يېمەكلىك سانائىتى بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە. چارۋىچىلىقىدا قوي، كالا، ئات، ئېشەك بېقىلىدۇ، خوتەن يېرىم يىرىك يۇڭلۇق قويى ئاساس قىلىنىدۇ. يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئەتلەس، خوتەن قاشتېشى، خوتەن گىلىمى قاتارلىقلار بار.

      قاتناش ۋە ساياھەتچىلىكى: خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاتنىشى قولايلىق، دۆلەت يولىنىڭ 315 –، 219 –لىنىيەلىرى پۈتۈن ۋىلايەتنى كېسىپ ئۆتىدۇ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى پۇقرالار ئايرودرومىدا خوتەندىن ئۇچۇپ، ئاقسۇدىن ئۆتۈپ، ئۈرۈمچىگە بارىدىغان ھاۋا يولى ئېچىلغان. خوتەن ۋىلايىتى قەدىمىي‹‹يىپەك يولى››نىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم تۈگۈنگە جايلاشقان بولۇپ، قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىكى، ئاددىي – ساددا ئۆرپ–ئادىتى، ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللىي مەدەنىيىتى، ئۆزىگە خاس تەبىئىي مەنزىرىسى، نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، مول گۆھەر بايلىقى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە تەلپۈندۈرىدىغان جايغا ئايلاندۇرىدۇ. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن نىيە خارابىسى، راۋاق بۇتخانا خارابىسى، ئاقسېپىل قەدىمىي شەھەر خارابىسى، ئەندىر قەدىمىي شەھەر خارابىسى، ئۇلاچى قىيا تاش سىزمىلىرى قاتارلىقلار بار، داڭلىق مەنزىرىلىك جايلاردىن قۇملۇق تاشيولى، كوئىنلۇن تېغىدىكى سىرلىق مۇزلۇق، ئېگىز تاغدىكى كۆللەر، ئارىشاڭلار، ۋولقانلار توپى ۋە ئۇزۇن كەتكەن ئۈزۈم كارىدورى، يۈز يىللىق ئەنجۈر پادىشاھى قاتارلىقلار بار.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر