باش بەت | رايۇنلار

قەشقەر ۋىلايىتى

 

2008 – يىل 6 – ئاينىڭ 23 – كۈنى

 

      ئومۇمىي ئەھۋالى: قەشقەر ۋىلايىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى خوتەن ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبىي كەشمىر بىلەن، غەربىي تاجىكىستان، ئافغانىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ. غەربىي شىمالى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن، شەرقىي شىمالى ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. قەشقەر ۋىلايىتىگە قەشقەر شەھىرى، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسى، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى، يېڭىسار ناھىيەسى، پوسكام ناھىيەسى، يەكەن ناھىيەسى، قاغىلىق ناھىيەسى، مەكىت ناھىيەسى، يوپۇرغا ناھىيەسى، پەيزىۋات ناھىيەسى، مارالبېشى ناھىيەسى ۋە تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى قارايدۇ. ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە قەشقەر شەھىرىدە. 2003 – يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 3 مىليون 501 مىڭ 200 بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇيغۇر، خەنزۇ، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان.

      تەبىئىي بايلىقى: قەشقەر ۋىلايىتى غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا قاراپ قىيپاش بولۇپ، غەربىي جەنۇبىي قىسمى قارا قۇرۇم تېغى، ئوتتۇرا قىسمى زەرەپشان دەرياسى، ئېقىن تىنما تۈزلەڭلىكى، شىمالى قىسمى قەشقەر دەرياسى ئېقىن تىنما تۈزلەڭلىكى، شەرقىي قىسمى تەكلىماكان قۇملۇقى. سۇ بايلىقىدىن زەرەپشان دەرياسى، قەشقەر دەرياسى، تىزناپ دەرياسى قاتارلىقلار بار. ھازىرغىچە بايقالغان ۋە زاپىسى ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن تۆمۈر، چىرىمتال، گەج، سېرپېنتىن، نېفىت، تەبئىي گاز، تاشپاختا، برىلليانت قاتارلىق 67 خىلى بار. ئۇنىڭ ئىچىدە گەج زاپىسى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. سېرپېنتىن زاپىسى دۇنيا بويىچى 3 – ئورۇندا تۇرىدۇ. ياۋايى ھايۋانلاردىن يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى، قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، ئۇلار، سۇغۇر قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈكلەردىن چۈچۈكبۇيا، قانتېپەر، چاكاندا، تاغ لەيلىسى، كىرەش قاتارلىقلار بار. قەشقەر ۋىلايىتى ئىللىق مۆتىدىل بەلباغ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق، ئىنتايىن ئىقلىمغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرچە تېمپېراتۇرىسى℃ 11.7، يىللىق ئوتتۇرچە ھۆل – يېغىن مىقدارى 70 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2700 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرچە قىروسىز مەزگىلى 240 كۈن.

      ئىگىلىك ئىقتىسادى: قەشقەر ۋىلايىتى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساسلىق ئىگىلىك قىلغان ۋىلايەت. پاختا ئىشلەپچىقىرىش بۇ ۋىلايەتنىڭ تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلانغان بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ مۇھىم تاۋار پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ھېسابلىنىدۇ. ئانار قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك ئالاھىدە مېۋىلەرنى خام ئەشيا قىلغان يېمەكلىكنى ئىنچىكە پىششىقلاش سانائىتى تېز تەرەققىي قىلماقتا. پاختا توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائىتى بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە، سانائىتىدىن پاختا توقۇمىچىلىق، ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئىچىملىك، مېۋە ھارىقى قاتارلىق تۈرلىرى بار. مىللىي ئەنئەنىۋى قول سانائىتى بەلگىلىك ئەۋزەللىككە ئىگە. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي ، كۆممىقوناق ، كېۋەز ،قىچا ، شال ، يالىڭاچ ئارپا قاتارلىقلار بار . ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان باغۋەنچىلىك كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، شاپتۇل، ئۆرۈك، بادام، ئەنجۈر، پىستە، ئانار، پەيزىۋات قوغۇنى قاتارلىقلار چىقىدۇ.

      قاتناش ۋە ساياھەتچىلىكى: قەشقەر ۋىلايىتى جۇڭگونىڭ شەرقىدىكى مۇھىم تاشقى سودا ئېغىزى ۋە قاتناش تۈگۈنى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى، شۇنداقلا دۆلەت يولى 314 –، 315 –، 219 – لىنىيەلىرى توپلانغان نۇقتا. قەشقەر ئايرودرومى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 2 – چوڭ ئايرودروم بولۇپ، كۈندە ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەر ئوتتۇرىسىدا مۇقىم قاتنايدىغان ئايروپىلان بار. ۋىلايەت تەۋەسىدىكى دۆلەت  1– دەرىجىلىك ئىككى پورت – قونجىراپ پورتى بىلەن قاراسۇ پورتى ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا تۇتىشىدىغان مۇھىم خەلقئارا پورت. قەشقەر ۋىلايىتى قويۇق تارىخىي مەدەنىيىتى، يارقىن مىللىي ئۆرپ –ئادىتى، ئالاھىدە ئانتروپولوگىيىلىك تەبىئىي مەنزىرىسى بىلەن شىنجاڭدىكى ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ساياھەت قىزىق رايونلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرىدىن ھېيتگاھ جامەسى، ئاپپاق خوجا مازىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرى، مەھمۇد قەشقەرى مازىرى، تاش قەلئە، قىز قورغان خارابىسى، قۇملۇق توغراقلىق مەنزىرىلىك رايونلىرى بار.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر