باش بەت | رايۇنلار

قىزىلسۇ

  2008 – يىل 6 – ئاينىڭ 23 – كۈنى

 

 

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى

       ئومۇمىي ئەھۋالى: قىزىلسۇ ئاپتونوم ئوبلاستى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. شەرقى ئاقسۇ ۋىلايىتى بىلەن، جەنۇبى قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربى تاجىكىستان بىلەن، شىمالى قىرغىزىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئاتۇش شەھىرى، ئاقتۇ ناھىيەسى، ئاقچى ناھىيەسى ۋە ئۇلۇغچات ناھىيەسى قارايدۇ. ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئاتۇش شەھىرىدە. 2003 – يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 458 مىڭ 400 بولۇپ، ئاساسلىقى قىرغىز، ئۇيغۇر، خەنزۇ قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان.

      تەبىئىي بايلىقى: قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى شەرقىي جەنۇبتىن غەربىي شىمالغا قاراپ شوتا شەكلىدە يۇقىرى ئۆرلەپ ماڭغان بولۇپ، تاغ كۆپ، تاغ يېرى پۈتۈن ئوبلاست ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %90دىن كۆپرەكى تەشكىل قىلىدۇ. سۇ بايلىقىدىن توشقان دەرياسى، ئۆرۈك دەرياسى، چاقماق دەرياسى، قىزىلسۇ دەرياسى، گەز دەرياسى، كۈسەن دەرياسى ۋە قارا تاش دەرياسى قاتارلىقلار بار. بايقالغان ۋە زاپىسى ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، مانگان، خروم، قوغۇشۇن، سىنك، قەلەي، كوبالت، كۆمۈر قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە قوغۇشۇن بىلەن سىنكنىڭ زاپىسى شىنجاڭ بويىچە 1 – ئورۇندا تۇرىدۇ. پيېزو ئېلېكترلىك خرۇستال زاپىسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى زاپاس مىقدارىنىڭ %90دىن كۆپرەكىنى، مىس زاپىسى %40دىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. ياۋايى ھايۋانلاردىن قارا لەيلەك، ئاق لەيلەك، يىلپىز، ئارقار، سۈلەيسۈن، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋايى ئۆسۈملۈكلىرىدىن چۈچۈكبۇيا ، ئەڭلىكئوت، ئەنجۈدان، چاكاندا، يەر مەدىكى قاتارلىقلار بار. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى تىپىك مۆتىدىل بەلباغ ، ئىللىق مۆتىدىل بەلباغ قۇرغاق رايونىغا تەۋە بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرچە تېمپېراتۇرىسى ℃ 9.4، يىللىق ئوتتۇرچە ھۆل – يېغىن مىقدارى 135.5 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2386.3 مىللىمېتىر ، يىللىق ئوتتۇرچە قىروسىز مەزگىلى 190 كۈن.

      ئىگىلىك ئىقتىسادى: قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدە دۆلەت 1– دەرىجىلىك ئىككى پورت بولۇپ، چېگرا سودا تەرەققىياتى نىسبەتەن تېز بولماقتا، ئىمپورت – ئېكسپورت ئۇچقاندەك ئاشماقتا. ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە باغۋەنچىلىك شىنجاڭ بويىچە بەلگىلىك ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەنجۈر، مۇناقى ئۈزۈم، بارىن ئۆرۈكى، ئانار قاتارلىق سۈپەتلىك مېۋىلەر تەدرىجىي كۆلەم ھاسىل قىلدى. ئۇنىڭ ئىچىدە ئەنجۈر ئېلىمىز مېۋىلىرىنىڭ ئېسىلى ھېسابلىنىدۇ. سانائىتىدىن كان قېزىش، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، ئاشلىق – ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، شال، كېۋەز، كۆممىقوناق، ياغلىق دان قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىق كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، قوي، قوتاز، كالا بېقىش ئاساس قىلىنىدۇ.

      قاتناش ۋە ساياھەتچىلىك: قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئوتتۇرا غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى ھەر قايسى ئەللەرگە چىقىشتىكى مۇھىم دەرۋازا، دۆلەت يولى 314 – لىنيەسى ، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى بۇ ئوبلاست تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. ئۆلكە يولىنىڭ 212 –، 306 – ، 309 – لىنىيەلىرى ھەممە تەرەپكە تۇتۇشىدۇ. ئوبلاستتىكى دۆلەت 1– دەرىجىلىك ئىككى پورت –تورغات پورتى ۋە ئەركاشتام پورتى ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك. ئوبلاست تەۋەسىدە تاشيول ترانسپورتى ئاساس قىلىنغان بولۇپ، ئوبلاست مەركىزىدىن ھەر قايسى ناھىيىلەرگە ۋە ناھىيىلەردىن ھەر قايسى يېزىلارغا تۇتىشىدىغان تاشيول تورى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. ئوبلاست تەۋەسىدە ساياھەتچىلىك بايلىقى مول بولۇپ، قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان مۇز چوققىلىرى ، ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل ئېگىزلىك، ‹‹مۇز تاغ ئاتىسى›› دەپ نام ئالغان مۇزتاغ چوققىسى، قوڭۇر تۆپە چوققىسى، قارا كۆل، يانبۇلاق مۇزلۇق باغچىسى، كوئىنلۇندىكى ئۈچ ھەيۋەتلىك مەنزىرە رايون ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ تاغ فېرمىسى ئۈچتاش مەنزىرىلىك رايونى قاتارلىقلار تاغقا چىقىش ۋە تاغ ساياھىتىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك جايى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن قاراخانىيلار خاندانلىقى ئوردىسى خارابىسى، ئاتۇش سۇغۇن قەدىمىي شەھىرى، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى بۇددا ئۆڭكۈرى ئۈچ مىراۋان غارى، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى مور بۇددا مۇنارى ۋە قەدىمىي‹‹يىپەك يولى››دىكى گەز ئۆتىڭى قاتارلىقلار بار .

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر