باش بەت | رايۇنلار

بايىغولىن

  2008 – يىل 6 – ئاينىڭ 23 – كۈنى

 

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى

 

       ئومۇمىي ئەھۋالى: بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان، شەرقىي گەنسۇ، چىڭخەي ئۆلكىلىرى بىلەن، جەنۇبى كوئىنلۇن تېغى ئارقىلىق شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن، غەربى ئاقسۇ ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى بىلەن، شىمالى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، تۇرپان ۋىلايىتى، قۇمۇل ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا كورلا شەھىرى، بۈگۈر ناھىيەسى، لوپنۇر ناھىيەسى، چاقىلىق ناھىيەسى، چەرچەن ناھىيەسى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى، خوشۇت ناھىيىسى ۋە باغراش ناھىيىسى قارايدۇ. ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى كورلا شەھىرىدە. 2003 – يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 1 ملىيون 126 مىڭ  500بولۇپ، ئاساسلىقى موڭغۇل، خەنزۇ، ئۇيغۇر مىللەتلىرىدىن تەركىب تاپقان.

      تەبىئىي بايلىقى: بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يېرى كەڭ بولۇپ، جەنۇبى قىسمى كوئىنلۇن تېغى، ئالتۇنتاغ، ئوتتۇرا قىسمى تەكلىماكان قۇملۇقى، شىمالى قىسمى بايىنبۇلاق ئوتلۇقى، قۇرۇق تاغ ئېتىكىدىكى تۈزلەڭلىك، لوپنۇر بوران كۆل تىنما تۈزلەڭلىكى. تارىم ئويمانلىقىنىڭ 2 قىسمى ئۇنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ. سۇ بايلىقىدىن تارىم دەرياسى، قارا شەھەر دەرياسى، چەرچەن دەرياسى، كۆنچى دەرياسى قاتارلىق دەريا ۋە كۆللەر بار. بايقالغان ۋە زاپىسى ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىقلاردىن تەبىئىي گاز، نېفىت، كۆمۈر، ئاندالۇزىت، تۆمۈر، مانگان، قاشتېشى قاتارلىق 54 خىلى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە نېفىت زاپىسى  10 مىليارد توننىدىن ئاشىدۇ. ياۋايى ھايۋانلىرىنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، شىنجاڭ يوغانباش بېلىقى، ياۋا تۆگە، ياۋا قوتاز، قارا بويان تۇرنا، تايغان بۇغا، تاغ ئۆچكىسى، يىلپىز، سۈلەيسۈن ، ئارقار قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈكلىرىدىن چۈچۈكبۇيا ، قانتېپەر، چاكاندا، سوغىگۈل قاتارلىق 477 خىلى بار. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلۋاغ ۋە ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرۇقلۇق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرچە تېمپېراتۇرىسى ℃8.5، يىللىق ئوتتۇرچە ھۆل – يېغىن مىقدارى 157.8 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرچە قىروسىز مەزگىلى 140كۈن.

      ئىگىلىك ئىقتىسادى: بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جەنۇبىي شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ‹‹ئۆتەڭ›› بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا ‹‹جەنۇب بىلەن شىمالنى بىر – بىرىگە باغلاش›› تەك ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە. ئۇنىڭ ئېنېرگىيە سانائىتى، يېمەكلىك سانائىتى ۋە باغۋەنچىلىكى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان. شىنجاڭدىكى ئۈچ چوڭ نېفىت ۋە گازلىق شىركىتىنىڭ بىرى بولغان تارىم نېفىتلىكى شۆبە شىركىتى كورلا شەھىرىدە. پەمىدۇر قىيامى قاتارلىق يېشىل يېمەكلىك يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ، مېۋىلەرنىڭ سەرخىلى بولغان كورلا نەشپۈتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكسپورت قىلىدىغان مۇھىم مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى. سانائەتتىن نېفىت، خىمىيە سانائىتى توقۇمىچىلىق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېمەكلىك پىششىقلاش قاتارلىق تۈرلىرى بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن شال، كۆكتات، بۇغداي، قىزىلچا، پاختا، كۆممىقوناق، ياغلىقدان قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا كالا بىلەن قوي ئاساس قىلىنىدۇ. يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مەھسۇلاتلاردىن نەشپۈت، كىشمىش ئۆرۈك، چىلان، كۈزلۈك يېسىۋېلەك، قىزىلمۇچ، سامساقلار بار.

قاتناش ۋە ساياھەتچىلىكى: بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان قاتناش تۈگۈنى بولۇپ، دۆلەت يولىنىڭ 216 –، 217 –،  218 –، 314 –، 315 – لىنىيەلىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى ئوبلاست تەۋەسىدە تورسىمان تۇتاشقان. كورلا، چەرچەن ئايرودوملىرىدا دۆلەت ئىچى ھاۋا يولى ئېچىلغان. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ساياھەت بايلىقى جەھەتتە ئەۋزەل تەبىئىي شارائىتقا ئىگە بولۇپ، مەشھۇر ساياھەت نۇقتىلىرىدىن باغراش كۆلى مەنزىرە رايونى، بايىنبۇلاق ئوتلىقى، ئاق قۇ كۆلى، نېلۇپەر كۆلى، ئالتۇن قۇم ساھىلى، ئاخۇنكا، تارىم قۇملۇق تاشيولى ۋە ئالتۇنتاغ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قاتارلىقلار بار. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن كىروران قەدىمىي شەھىرى، مىرەن خارابىسى، باشئەگەىم، بالۇنتاي بۇتخانىسى قاتارلىقلار بار.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر