باش بەت | رايۇنلار

بورتالا

 

 2008 – يىل 6 – ئاينىڭ 23 – كۈنى

 

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى

 

      ئومۇمىي ئەھۋالى: بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ غەربىي شىمالىدا بولۇپ، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا، تەڭرىتېغىنىڭ غەربىي بۆلىكىگە جايلاشقان. شەرقىي تارباغاتاي ۋىلايىتى بىلەن، جەنۇبى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي شىمال قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ. بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا بورتالا شەھىرى، جىڭ ناھىيىسى ۋە ئارىشاڭ ناھىيىسى قارايدۇ. ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى بورتالا شەھىرىدە. 2003 – يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 439 مىڭ 600 بولۇپ ئاساسلىقى موڭغۇل، خەنزۇ، ئۇيغۇر مىللەتلىرىدىن تەركىب تاپقان.

      تەبىئىي بايلىقى: بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى ئېگىز، ئوتتۇرىسى پەس بولۇپ، شىمالى قىسمى ئالاتاۋ تېغى جەنۇبى قىسمى كۆكۈرچىن تېغى، بولخىنۇر تېغى ئوتتۇرا قىسمى بورتالا دەرياسى ئېقىن تىنما تۈزلەڭلىكى، سۇ بايلىقىدىن ئۆتۈكسەر دەرياسى، بورتالا دەرياسى قاتارلىق دەريالار ۋە سايرام كۆلى، ئېبنۇر كۆلى، قاتارلىق كۆللەر بار. ئالاتاۋ ئېغىزى داڭلىق بوران ئېغىزى بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرچە ئۈنۈملۈك شامال ئېنېرگىيىسى ھەر كۋادرات مېتىر يەرگە  2600كىلوۋات سائەت توغرا كېلىدۇ. بايقالغان ۋە زاپىسى ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىقلاردىن تۇز، پېرلىت، مەرمەر تاش، پىلاتىنا، گلاۋبېر تۇزى قاتارلىقلار بار. ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانلاردىن 36 خىلى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت 1 – دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلاردىن يىلپىز تاغ ئۆچكىسى، قۇندۇز سېرىق، بۈركۈت قاتارلىقلار. دۆلەت 2 – دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلاردىن قوڭۇر ئېيىق، سۇ بۇلغۇنى، تايغان بۇغا، ئاق قۇ قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان ھايۋان شىمال سەمەندەرى بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرىدىن چۈچۈكبۇيا، چاكاندا، جىغان، تاغ لەيلىسى، لوپنۇر كەندىرى قاتارلىق 414 خىلى بار. بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرۇقلۇق ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، يىللىق ئوتتۇرچە تېمپېراتۇرىسى℃ 6.0، يىللىق ئوتتۇرچە ھۆل – يېغىن مىقدارى 170.8 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1512.6 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرچە قىروسىز مەزگىلى 160كۈن.

      ئىگىلىك ئىقتىسادى: بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئۆزگىچە ئىقتىسادىي زىرائەتلىرىدىن كېۋەز، ئالقاتلارنىڭ تەرەققىياتى تېز بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ سورتلۇق پاختا، ئالقات ئېكسپورت قىلىشىدىكى مۇھىم بازالارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدىن شېكەرچىلىك، پاختا توقۇمىچىلىق، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، خىمىيە سانائىتى، دورىگەرلىك، تۇزچىلىق ، ئاشلىق – ماي ئىشلەپچىقىرىش، رېمونتچىلىق، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، خىمىيىۋى ئوغۇت، ھاراق، تېرە – يۇڭ پىششىقلاش قاتارلىقلار بار. يېزا –ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن پاختا، ئالقات، شال، بۇغداي، كۆممىقوناق ، قىچا ، قىزىلچا ۋە تۈرلۈك مېۋە – چېۋىلەر بار. بۇنىڭ ئىچىدە پاختا بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئېكسپورتتىن تاشقى پېرېۋوت يارىتىشىدىكى ئەلا مەھسۇلاتلىرىدىن بىرى. چارۋىچىلىقتا ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي، ئات، كالا، تۆگە ئاساس قىلىنغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي يېتىشتۈرۈش بازىلىرىنىڭ بىرى. يەرلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئالقات ئەڭ داڭلىق بولۇپ ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئاراغا مەشھۇر.

      قاتناش ۋە ساياھەتچىلىكى: بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئاسىيا – ياۋروپا 2 – چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىنىڭ جۇڭگوغا كىرىدىغان دەرۋازىسى بولۇپ، دۆلەت يولى  312 – لىنيەسى ۋە شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى شەرقتىن مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىگە تۇتىشىدۇ. غەربتىن ئالاتاۋ ئېغىزى پورتى ئارقىلىق قازاقىستانغا تۇتىشىدۇ. ئالاتاۋ ئېغىزى پورتى دۆلەت 1 – دەرىجىلىك پورت بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ سودا مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان پورتى. بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئوتلاق ئېكلوگىيىلىك ساياھەت رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرى كۆپ، بايلىقى كەڭ، چارۋىسى مول بولغان، ئەتراپىنى تاغ، ئورمانلار قورشاپ تۇرغان ئېگىز تاغدىكى مەرۋايىت – سايرام كۆلى دۆلەت دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى، خىلمۇخىل قىياپەتتىكى تاش قاتمىلار مەنزىرە رايونى، قىشتا ئىسسىق، يازدا سالقىن بولىدىغان ئارىشاڭ ساناتورىيىسى – ئارىشات ئارشىڭى. دۆلەت دەرىجىلىك سۆكسۆكلۈك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، ئېبنۇر كۆلى سۇلۇق يېرى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ، شىمال سەمەندەرى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ۋە شارشىل تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرى بار.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر