باش بەت | رايۇنلار

سانجى

  2008 – يىل 6 – ئاينىڭ 23 – كۈنى  

 

 

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى

 

      ئومۇمىي ئەھۋالى: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا بولۇپ، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىغا، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. شەرقىي قۇمۇل ۋىلايىتى بىلەن جەنۇبى ئۈرۈمچى شەھىرى، تۇرپان ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن، غەربىي شىخەنزە شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتى بىلەن، شىمالى ئالتاي ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقىي شىمالدا موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا سانجى شەھىرى، فۇكاڭ شەھىرى، مىچۈەن شەھىرى، قۇتۇبى ناھىيىسى، ماناس ناھىيىسى، گۇچۇڭ ناھىيىسى، جىمىسار ناھىيىسى ۋە مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى، قارايدۇ، ئوبلاستىلىق خەلق ھۆكۈمىتى سانجى شەھىرىدە. 2003 – يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇس 1 مىليون 543 مىڭ 300 بولۇپ، ئاساسلىقى خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان.

     تەبىئىي بايلىقى: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس بولۇپ، جەنۇبىي رايونى تەڭرىتاغ تاغلىق رايونى، شىمالىي قىسمى قۇربانتۇڭغۇت قۇملۇقى، ئوتتۇرا قىسمى بوستانلىق ۋە تۈزلەڭلىك. سۇ بايلىقىدىن ماناس دەرياسى، تاسىرقاي دەرياسى، قۇتۇبى دەرياسى، سەنتۇنخې دەرياسى، تۇدۇڭخې دەرياسى قاتارلىقلار بار. بايقالغان ۋە زاپىسى ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز، مەرۋايىت تاش، چىرىمتال، سلانېتس قاتارلىق 50 نەچچە خىلى بار. ياۋايى ھايۋانلاردىن ياۋا ئات، ياۋا ئېشەك، ئۇلار، جەرەن، تاغ ئۆچكىسى، ئارقار، قارا لەيلەك، ئاق لەيلەك، سېرىق بۈركۈت قاتارلىق 130 خىلى بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈكى بايلىقلىرىدىن سوغىگۈل، قانتېپەر، پەربۇن، تاغ لەيلىسى، زاراڭزا، ئالقات، چۈچۈكبۇيا، قاتارلىق 100نەچچە خىلى بار. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مۆتىدىل بەلباغ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرچە تېمپېراتۇرىسى℃ 6.7، يىللىق ئوتتۇرچە ھۆل – يېغىن مىقدارى 215.7 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1988.5 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرچە قىروسىز مەزگىلى 164كۈن.

      ئىگىلىك ئىقتىسادى: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى شىنجاڭنىڭ مۇھىم دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بازىسى. شۇنداقلا مۇھىم سانائەت ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ، ئاشلىق، پاختا، چارۋا مەھسۇلاتى، ئۇرۇقچىلىق، كۆكتات قاتارلىق تايانچ كەسىپلەر ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن. ماناس ناھىيىسى دۆلەتنىڭ پاختا بازا ناھىيىسى، گۇچۇڭ ناھىيىسى دۆلەتنىڭ ئاشلىق ناھىيەسى، پۈتۈن ئوبلاست چارۋىچىلىقنىڭ يېزا – ئىگىلىكىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ۋە گۆش ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى شىنجاڭ بويىچە 1 – ئورۇندا تۇرىدۇ. يېمەكلىك، ماشىنا – ئېلېكتر، يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق، بىناكارلىق – قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئېنېرگىيە، خىمىيە – سانائىتى، ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان سانائەت سىستېمىسى ئوبلاست بويىچە دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىندى. پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەردىن تۇنخې ۋە ئالاھىدە ترانسفورماتور ئېلېكتر سانائىتى، شىركىتى قاتارلىقلار مەيدانغا كەلدى. شۇنىڭدەك شىنجاڭ ئالاھىدە ترانسفورماتورى، شىنتيەن ئۈزۈم ھارىقى، تۇنخې سېمونتى، يەنيۈ پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرى، مەيچۈر يۈرۈشلۈك يېمەكلىكلىرى،غەربىي دىيار ئۇرۇقى، تەڭرىتاغ ئۇنى قاتارلىق بىر تۈركۈم داڭلىق ماركىلار شەكىللەندى. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، پاختا، قىزىلچا، پۇرچاق، ياغلىق دان، مېۋە – چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار،

      قاتناش ۋە ساياھەتچىلىكى: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قاتنىشى قولايلىق بولۇپ، دۆلەت يولىنىڭ 312 – ، 216 – لىنىيەلىرى، تۇرپان – ئۈرۈمچى –داخۇاڭشەن يۇقىرى دەرىجىلىك يولى، ئۈرۈمچى – كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ۋە شىمالى شىنجاڭ تۆمۈر يولى ئوبلاست تەۋەسىدىن كېسىشىپ ئۆتىدۇ. ئۇلاستاي دۆلەت  1 – دەرىجىلىك پورتى موڭغۇلىيە بىلەن سودىلىشىدىغان مۇھىم پورت. سانجى ئوبلاستى يادرولۇق ساياھەت رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگو ۋە چەتئەللەرگە مەشھۇر بولغان ئېگىز تاغ كۆلى – بوغدا كۆلى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە سېلىنغان غەربىي دىيار تارىخىي مەشھۇر شەھىرى، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بېشىبالىق قەدىمىي شەھەر خارابىسى، شىداسى مەسچىتى خارابىسى، كاڭجا تاش دەرۋازا قىيا تاش سىزمىلىرى، ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ دىنوزاۋر تاش قاتمىسى قېزىلغان جاي، شەرقتىكى ئەڭ چوڭ قەدىمىي تاشقا ئايلانغان ئورمان ۋۇسەيۋەن سىلتسىيلاشقان دەرەخ ئورمىنى، نوم شەيتان شەھىرى، قۇم ساداسى تېغى قاتارلىقلار بار.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر