باش بەت | رايۇنلار

ئىلى

 

 2008– يىل 6 – ئاينىڭ 23 – كۈنى 

 

 

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى

 

      ئومۇمىي ئەھۋالى: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقى موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ. جەنۇبى ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، شىخەنزە شەھىرى بىلەن، غەربى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي شىمال قازاقىستان بىلەن، شىمال رۇسىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ، ئەتراپتىن قاراماي شەھىرىنى ئوراپ تۇرىدۇ. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايىتى قارايدۇ ھەمدە غۇلجا شەھىرى ،كۈيتۈن شەھىرى ،غۇلجا ناھىيىسى ، قورغاس ناھىيىسى ، نىلقا ناھىيىسى، كۈنەس ناھىيىسى، توققۇزتارا ناھىيىسى، تېكەس ناھىيىسى، موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى ۋە چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى بىۋاسىتە قارايدۇ . ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى غۇلجا شەھىرىدە. 2003 – يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى  4 مىليون 83 مىڭ 300 بولۇپ، ئوبلاسىتقا بىۋاسىتە قاراشلىق نوپۇس  2مىليون 517 مىڭ 300،  ئاساسلىقى قازاق، خەنزۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان .

      تەبىئىي بايلىقى: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تاغلار بىلەن ئورالغان ، ئويمانلىقى كەڭ، ئوتلاقلىرى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن، مۇنبەت دالا پايانسىز كەتكەن بولۇپ ، جەنۇبىي قىسمىدا ھەيۋەتلىك تەڭرىتاغ، شىمالىدا ئېگىز كەتكەن ئالتاي تېغى بار، ئوبلاسىتقا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە، شەھەرلەر تەڭرىتاغ ئېتىكىدىكى ئىلى دەرياسى ۋادىسىغا جايلاشقان. سۇ بايلىقىدىن ئىلى دەرياسى، قاش دەرياسى، كۈنەس دەرياسى، تېكەس دەرياسى قاتارلىقلار بار. ھازىرغىچە بايقالغان ۋە زاپىسى ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىقلاردىن ئالتۇن، مىس، ئاق چىرىمتال، كالىي شىپاتى، كۆمۈر قاتارلىقلار بار، ئوبلاست تەۋەسىدە شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ كېنى – ئاشىلى مىس كېنى بار. ياۋايى ھايۋانلاردىن يىلپىز ، تاغ ئۆچكىسى، قوڭۇر ئېيىق، بۇغا، بۆكەن، سۇ بۇلغۇنى، ئىلى قارا ھەسەل ھەرىسى قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈكلىرىدىن سوغىگۈل، چۈچۈكبۇيا، ئەنجۇدان، چۇغلۇق، سېرىقچاي قاتارلىقلار بار . ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كىلىماتىدا پەرق بىر قەدەر زور بولۇپ ، ئىلى دەريا ۋادىسى مۆتىدىل بەلۋاغ سۇب قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا تەۋە، يىللىق ئوتتۇرچە تېمپېراتۇرىسى℃ 0.2~℃9.1 ، يىللىق ئوتتۇرچە ھۆل – يېغىن مىقدارى 200~300، يىللىق ئوتتۇرچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1200~2300، يىللىق ئوتتۇرچە قىروسىز مەزگىلى 103~191 كۈن.

      ئىگىلىك ئىقتىسادى: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى شىنجاڭدىكى ئاشلىق، ياغلىق دان، گۆش، شېكەر تەمىنات بازىسى. ئالتۇن،مىس، نىكېل قاتارلىق رەڭلىك مېتاللار ۋە كەم ئۇچرايدىغان مېتاللار ھەمدە ياقۇت قاتارلىق قېزىلما بايلىقلار مەملىكەت بويىچە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. سانائىتى ئاساسلىقى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، كان مەھسۇلاتلىرى خام ئەشيا قىلىنغان پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، توقۇمىچىلىق، كۆن – خۇرۇم، سۈت مەھسۇلاتلىرى ، قەنت ئىشلەپچىقىرىش، كۆمۈر، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، چويۇن ئېرىتىش، ئالتۇن، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېمەكلىك، تاماكا قاتارلىق 50خىل قاتارلىق كەسىپ بار ، تۈرى تولۇق ھەم بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە ، شىخۇ پىۋىسى ، ‹‹سىفاڭ›› قەنتچىلىكى قاتارلىق بىر تۈركۈم داڭلىق كۇرسلۇق مەھسۇلاتلار ۋە كارخانىلار شەكىللەنگەن. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، شال، كۆممىقوناق قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقى ئوتلاق باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلغان، شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى، ئىلى ئېتى، شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى ۋە جۇڭگو مېرىنوس قويىنى يېتىشتۈرىدىغان ئاساسلىق بازا .

      قاتناش ۋە ساياھەتچىلىكى: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چېگرا بويىدا قورغاس، دولات، مۇزارت، قاتارلىق دۆلەت 1 – دەرىجىلىك پورتتىن توققۇزى بولۇپ، ئوتتۇرا غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا كىرىشتىكى تۈگۈن ھېسابلىنىدۇ . دۆلەت يولى  218 – لىنيەسى پۈتۈن ئوبلاست تەۋەلىكىنى كېسىپ ئۆتىدۇ ھەمدە دۆلەت يولى 217 – لىنيەسى ۋە ئۆلكە يولى 316 – لىنيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئىلى ئوتلاقنى مۇھىم ئالاھىدىلىك قىلغان گۈزەل ساياھەت رايونى بولۇپ، چاشى، تاڭبالى، نارات قاتارلىق جايلار ئوتلاق خەلقىنىڭ ئۆرپ – ئادىتىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغان داڭلىق ساياھەت رايونلىرى ھېسابلىنىدۇ. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن شات قەدىمىي شەھىرى، بوزدۆڭ ئۇسۇن قەدىمىي شەھىرى، گېدېڭ ئابىدىسى ۋە ئوتلاق قىيا تاش سىزمىلىرى قاتارلىقلار بار.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر