باش بەت | رايۇنلار

ئاقسۇ ۋىلايىتى

 

  2008– يىل 6 – ئاينىڭ 23 – كۈنى 

 

    

  ئومۇمىي ئەھۋالى: ئاقسۇ ۋىلايىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ غەربىي جەنۇبىغا، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. شەرقىي بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن، جەنۇبىي خوتەن ۋىلايىتى بىلەن، غەربى جەنۇبى قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن، شىمالى تەڭرىتاغ ئارقىلىق ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي شىمالى قازاقىستان قىرغىزىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئاقسۇ ۋىلايىتىگە ئاقسۇ شەھىرى، ئونسۇ ناھىيىسى، كۇچا ناھىيىسى، توقسۇ ناھىيىسى، شايار ناھىيىسى، باي ناھىيىسى، ئۈچتۇرپان ناھىيىسى، ئاۋات ناھىيىسى ۋە كەلپىن ناھىيىسى قارايدۇ. ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئاقسۇ شەھىرىدە.  2003– يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى  2 مىليون 193 مىڭ  400 بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ مىللەتلىرىدىن تەركىب تاپقان.

      تەبىئىي بايلىقى: ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يەر شەكلى شىمالى ئېگىز، جەنۇبى پەس بولۇپ شىمالىي قىسمى تەڭرىتاغ تاغلىق رايونى، جەنۇبىي قىسمى تەكلىماكان قۇملۇقى، ئوتتۇرا قىسمى تارىم دەرياسى، ئاقسۇ دەرياسى، كۇچا دەرياسى، تارىم دەرياسى قاتارلىق ئۈچ چوڭ دەريا ۋە نۇرغۇنلىغان كۆللەر بار. بايقالغان ۋە زاپىسى ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىقلاردىن 53 خىلى بار بولۇپ، ئېنېرگىيە، مېتال، مېتاللوئىد، ئاز ئۇچرايدىغان مېتال، ياقۇت ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىيالى قېزىلما بايلىقىدىن ئىبارەت يەتتە چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈر زاپىسى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، دۆلەتنىڭ غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدىكى گاز مەنبەسىنىڭ%80ى مۇشۇ يەردىن چىقىدۇ. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، ئاق لەيلەك، قارا لەيلەك، تاغ ئۆچكىسى، ئارقار قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈكى بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، تاغ لەيلىسى، قانتېپەر، چاكاندا قاتارلىقلار بار. ئاقسۇ ۋىلايىتى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق ئىقلىمغا تەۋە بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.5، يىللىق ئوتتۇرچە ھۆل – يېغىن مىقدارى 42.4 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرچە قىروسىز مەزگىلى 227كۈن.

      ئىگىلىك ئىقتىسادى: ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ماددىي بايلىقى مول بولۇپ ، دۆلەتنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم بازىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يىرىك يېزا –ئىگىلىكى بازىسى. تەۋەلىكىدىكى نېفىتلىك ۋە گازلىق نېفىتلىكى ۋە گازلىقنىڭ مۇھىم تەركىبى. سانائەتتە نېفىت، تەبىئىي گاز، توقۇمىچىلىق، خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، كۆمۈر، قۇرۇلۇش ماتېرىيالى، ئاشلىق – ياغ پىششىقلاش قاتارلىقلار بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، پاختا، كۆممىقوناق، شال، قىزىلچا، ئالما، ئۈزۈم، نەشپۈت، ياڭاق، چىلان قاتارلىقلار بار. ئاقسۇ ۋىلايىتى مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر قارىكۆل قويى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ چوڭ تاغ ئۆچكىسى تىۋىتى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى. يەرلىك مەھسۇلاتلىرىدىن پۇراقلىق گۈرۈچ، ‹‹نارتۇق گۈرۈچى››، قەغەز ياڭاق، قىزىل ئالما، كۇچا كىشمىش ئۆرۈكى، ئامۇت، رەڭلىك پاختا قاتارلىقلار بار.

      قاتناش ۋە ساياھەتچىلىكى: ئاقسۇ ۋىلايىتى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپ، غول لىنىيە دۆلەت يولى 314 – لىنيەسى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى ۋىلايەتنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. دۆلەت يولى 217 – لىنيەسى تەڭرىتاغنى ھالقىپ ئۆتۈپ جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرىدۇ. تەۋەلىكىدە ئاقسۇ، كۇچا ئايرودروملىرى بار بولۇپ، ئۈرۈمچى، كورلا، خوتەن قاتارلىق جايلارغا بىۋاسىتە ئۇچقىلى بولىدۇ. تاشيول، تۆمۈر يول ئاۋىئاتسىيە، تۇرۇبىلىق گاز يەتكۈزۈش بىرلىشىپ ستېرېئولۇق ترانسپورت تورىنى شەكىللەندۈرگەن. ئاقسۇ ۋىلايىتىدە قەدىمىي يادىكارلىقلار كۆپ بولۇپ، كىشىلەر تەرىپىدىن ‹‹كۈسەن سەنئىتى›› خەزىنىسى دەپ ئاتالغان قىزىل مىڭئۆي، قۇمتۇرا تاشغارى، قەدىمىي تۇرا قاتارلىق ئالتە جايدا مەملىكەت بويىچە قوغدىلىدىغان ئورۇن بار. داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىدىن تۆمۈر چوققا دۆلەت تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، سىرلىق ئورمان باغچىسى مەنزىرە رايونى، تەڭرىتاغ سىرلىق جىلغىسى قاتارلىقلار بار.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر