باش بەت | رايۇنلار

تۇرپان ۋىلايىتى

 2008 – يىل 6 – ئاينىڭ 23 – كۈنى 

       ئومۇمىي ئەھۋالى: تۇرپان ۋىلايىتى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. شەرقى قۇمۇل ۋىلايىتى بىلەن، غەربى ۋە جەنۇبى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن، غەربى شىمال ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن، شىمالى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ. تۇرپان ۋىلايىتىگە تۇرپان شەھىرى، پىچان ناھىيىسى ۋە توقسۇن ناھىيىسى قارايدۇ، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تۇرپان شەھىرىدە. 2003 – يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇس 571 مىڭ 700 بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان.

      تەبىئىي بايلىقى: تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ شىمالى ئېگىز، جەنۇبىي پەس بولۇپ، شىمالىي قىسمى ھەيۋەتلىك بوغدا تېغى، ئوتتۇرا قىسمى قاپساللىق ئويمان – تۇرپان بوستانلىق ئويمانلىقى، جەنۇبىي قىسمى مەملىكەت بويىچە قۇرۇقلۇقتىكى ئەڭ تۆۋەن جاي – ئايدىڭكۆل. يالقۇنتاغ ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى غەربتىن شەرققە كېسىپ ئۆتكەن. سۇ بايلىقىدىن داخېيەن دەرياسى، قارايۈزى دەرياسى قاتارلىقلار بار. بايقالغان ۋە زاپىسى ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن تۇز، كۆمۈر، نېفىت، ھاك تاش، تەبىئىي گاز، ئالتۇن، گلاۋبېر تۇزى، گرانىت، ئالبىت، يىلان قاسىرىقى تاش، بېنتونىت قاتارلىقلار بار. ياۋايى ھايۋانلاردىن يىلپىز، بۆكەن، ياۋا تۆگە، قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرىدىن كىرەش، چۈچۈكبۇيا، يانتاق شېكىرى، زاراڭزا، سوغىگۈل، ئالقات، تاغ لەيلىسى قاتارلىق 300دىن ئارتۇق تۈرى بار. تۇرپان ۋىلايىتى مۆتىدىل بەلباغ ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا تەۋە بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرچە تېمپېراتۇرىسى ℃13.4، يىللىق ئوتتۇرچە ھۆل–يېغىن مىقدارى 17.3 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2741.9 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە قىروسىز مەزگىلى 262 كۈن.

      ئىگىلىك ئىقتىسادى: تۇرپان ۋىلايىتى ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق رايونى بولۇپ، ئاشلىق زىرائەتلىرى بۇغداي ۋە قوناقنى ئاساس قىلغان، ئىقتىسادى زىرائەتلىرىدىن كېۋەز، ئۈزۈم، خاسىڭ، مېۋە – چېۋە، ياغلىق دان ۋە كۆكتات قاتارلىقلار بار. سانائىتى نېفىت، نېفىت – خىمىيە سانائىتى، قېزىلما بايلىقلارنى پىششىقلاش ۋە ئۈزۈم پىششىقلاش قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان ھەمدە توقۇمىچىلىق، ماشىنىسازلىق، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە كۆن – خۇرۇم قاتارلىق سانائەتلەرمۇ بار. تۇرپان مەملىكەت بويىچە داڭلىق ‹‹ئۈزۈم ، قوغۇن ۋە ئۇزۇن تالالىق پاختا›› ماكانى، شۇنداقلا تۇرپان – قۇمۇل نېفىتلىكىنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇھىم رايونى. پىچان ناھىيىسى شىنجاڭدىكى داڭلىق ئۈزۈم ھارىقى – روران شېكەرسىز قىزىل ئۈزۈم ھارىقى، شېكەرسىز ئاق ئۈزۈم ھارىقى ۋە ‹‹يىپەك يولىدىكى گۆھەر ››ماركىلىق شاكىلاتلىق قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىق تەبىئىي ساپ يېشىل يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، بۇ بىر قاتار ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا بازىرى ئىتتىك.

      قاتناش ۋە ساياھەتچىلىكى: تۇرپان ۋىلايىتى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ۋە شىنجاڭنىڭ جەنۇبى بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم يول، لەنجۇ – شىنجاڭ تۆمۈر يولى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى مۇشۇ جايدا كېسىشىدۇ، تۇرپان – ئۈرۈمچى – داخۇاڭشەن يۇقىرى دەرىجىلىك يولى، دۆلەت يولى 312 – لىنيەسى، دۆلەت يولى  314 – لىنيەسى ئاپتونوم رايوننىڭ ھەممە يېرىگىچە تۇتىشىدۇ. تۇرپان رايونى ئېلىمىز يىپەك يولى مەدەنىيىتى يادىكارلىقلىرى ئەڭ مول بولغان رايون، ئۇ جايدا 2 مىڭ يىلدىن ئارتۇق بوران – چاپقۇنلۇق تارىخنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، يەنىلا ئوبدان ساقلانغان يارغول قەدىمىي شەھىرى ۋە ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى، نۇرغۇن قېتىم تالان – تاراج قىلىنىپمۇ، يەنىلا نەپىس ساقلىنىپ تۇرغان بېزەكلىك مىڭئۆي تام رەسىملىرى، مىڭ يىللىق ساقلانغان قەدىمىي جەسەتلەر ۋە قىممەتلىك يادىكارلىقلارغا ئىگە ئاستانە قەدىمىي قەبرىستانلىقى، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قۇرۇلمىسى ئالاھىدە بولغان، ئەپچىللىك بىلەن ئىشلىنىپ پەلەككە تاقاشقان ئىسلام ئىمارىتى سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى قاتارلىقلار بار، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سېھرىي تۈس ئالغان يالقۇنتاغ، يېشىللىق بىلەن قاپلانغان، مولچىلىققا تولغان بۇيلۇق، چۆل – باياۋاندا يىل بويى سۈزۈك بۇلاق سۈيى شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىدىغان كارىز سەيلىگاھى، گۈزەل مەنزىرىلىك قۇملۇق ئۆسۈملۈك باغچىسى، قۇملۇق باغچىسى ۋە دۇنيا بويىچە 2 – ئويمان جاي ئايدىڭكۆل بار. رەڭگارەڭ، مول مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە قۇرۇقلۇقتىكى ئۆزىگە خاس تەبىئىي مەنزىرىسى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر