باش بەت | سەيلىگاھلار

گۈزەل ، سىرلىق ۋۇسەيۋەن

      جىمىسار ناھىيەسىنىڭ شىمالىدىكى قاقاس چۆللۈكتە ‹‹ۋۇسەيۋەن›› دېگەن بىر يەر بار. ئۇ يەر بۈگۈنكى كۈندە ئاجايىپ – غارايىپلىقى، سىرلىقلىقى ۋە گۈزەللىكى بىلەن تونۇلۇپ، مۇھىم ساياھەت ئورنىغا ئايلاندى.

      ۋۇسەيۋەننىڭ جىمىسار ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 150 كىلومېتىر بولۇپ، غەرب تەرىپى قۇملۇق، شىمال تەرىپى قارىمايلى تەبئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرق تەرىپى دىنازاۋۇر جىلغىسى بىلەن، شەرقىي جەنۇب تەرىپى گۇچۇڭدىكى شەيتانكەرىش بىلەن تۇتىشىدۇ. ۋۇسەيۋەن خۇددى رەڭدار بۇياقلار بىلەن سىزىلغان بىر پارچە رەسىمگە ئوخشايدۇ. ۋۇسەيۋەننىڭ مەنزىرىسى ئۆزگىچە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ يەنە بىر تەبئىي خەزىنە بولۇپ، نېفىت، ئالتۇن، ھېقىق، كىۋارتىس، تۆمۈر، ئاليۇمىن، سىنىك قاتارلىق 20 نەچچە خىل كان بايلىقى ساقلانغان. قۇملۇق يېپىنچا ئۆسۈملۈك بەلبېغىدا يەنە ياۋا ئېشەك، چىل قاتارلىق قىممەتلىك ياۋايى ھايۋانلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يەردە يەنە دىنازاۋۇر جىلغىسى، تاش قاتما ئورمانلىقى قاتارلىق ئۆزگىچە مەنزىرىلىك جايلار بار.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر