باش بەت | سەيلىگاھلار

كۈنەس يايلىقى

 

      كۈنەس يايلىقى ئىلىدىكى تىپىك كۆپ خىل ئوتلاق رايى ھېسابلىنىدۇ . كۈنەس يايلىقىنىڭ دائىرىسى كەڭ بولۇپ، بۇ جاي شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قوينىڭ ماكانى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئىلى تۇلپارىنىڭمۇ ماكانى. بولۇپمۇ ئوتتۇرا تاغ بەلبېغى تاغ ئوتلىرى ۋە دېڭىز يۈزىدىن نىسبەتەن ئېگىز سۇبئالىپ ئوتلىرى، ئۆسۈملۈك تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ. ھەر يىلى ئىيۇندىن سېنتەبىرگىچە بولغان مەزگىل بۇ يايلاقنىڭ ئالتۇن پەسلى ھېسابلىنىدۇ. بىپايان يايلاق، گۈزەل تۆپىلىك، توپ – توپ پادا – يىلقىلار ۋە كىگىز ئۆيلەر كىشلەرگە ئۆزگىچە تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىدۇ.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر