باش بەت | سەيلىگاھلار

شىنجاڭدىكى مەشھۇر ئېكولوگىيە باغچىسى — زوڭلاڭ مازىرى سەيلىگاھى

 2010-08-0314:35تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

 

سىدىق تۇردى ، ئېزىز ئېلى

 

      شىنجاڭدىكى تۆت چوڭ داڭلىق ئېكولوگىيە باغچىسىنىڭ بىرى بولغان زوڭلاڭ مازىرى سىرلىق بۇلاق سەيلىگاھى تەبئىي مەنزىرىسىنىڭ ئاجايىپ گۈزەللىكى، قەدىمىيلىكى، جەلىپكارلىقى، ھەيۋەتلىك ھەم كۆركەملىكى، نۇرغۇنلىغان سېھرىي خىسلەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكى بىلەن ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ دىل زوقىنى ئۆزىگە تارتىپ كەلمەكتە.

      زوڭلاڭ مازىرى سىرلىق بۇلاق سەيلىگاھى قاغىلىق ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي – جەنۇبىي قىسمىدىكى زوڭلاڭ يېزا ئاياغ زوڭلاڭ 2–كەنت تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 60 كىلومېتىر. ‹‹زوڭلاڭ›› ئاتالغۇسى توغرىسىدا ھەر خىل قاراشلار بار، بەزىلەر بۇنى ئەرەپچە ‹‹زۇنۇڭ›› (بېلىق بار كۆل) ، ئۇيغۇرچە ‹‹زورلىماق››، ‹‹نۇر چاچىدىغان قەبرە››، ‹‹ئىككى قەبرە ئارىسى›› دېگەن مەنىدە چۈشەندۈرسە، يەنە بەزىلەر تۈرك تىلىدا ‹‹جۇڭگو شەھىرى›› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ دەپ چۈشەندۈرۈپ كەلدى. ‹‹مازار›› ئاتالغۇسى ئەرەپچە سۆز بولۇپ، ‹‹مۇقەددەس جاي››، ‹‹ئەۋلىيا قەبرىسى›› دېگەن مەنىدە. زوڭلاڭ مازىرىدا ياتقان كىشى توغرىسىدىمۇ ئوخشىمىغان قاراشلار بار . بىرىنچى خىل قاراش : ‹‹مىلادىيە 999 – يىلى بۇ يەردە ۋاپات بولغان ئىراقلىق لەئىل جىبراند كامال ياتقان›› دېسە؛ ئىككىنچى خىل قاراشتىكىلەر: ‹‹مىلادىيە 910 – 1006 – يىللىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان قاراخانىلار سۇلالىسى بىلەن بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان خوتەنلىكلەر ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان غازادتا شېھىت بولغان مەشھۇر زات ياتىدۇ›› دەپ قارايدۇ. بۇ ئىككى خىل ئوخشىمىغان قاراش توغرىسىدىمۇ تارىخىي ماتېرىياللار بار. زوڭلاڭ مازىرى 140 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تىك يار باغرىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەتراپىنى قەدىمقى سۆگەت، بەزىلىرى يۇقىرىدىن پەسكە قاراپ يەر بېغىرلاپ ئۇزاققا سوزۇلۇپ، كىشىگە غايەت زور بىر يىلاننى، كۆك قەھرىدە پەرۋاز قىلىۋاتقان ئەجدىھانى ، دەھشەتلىك دېڭىز دولقۇنلىرىنى ئەسلىتىدۇ . يەنە بىر قىسىم دەرەخلەر خۇددى بىر جۈپ ‹‹ئاشىق– مەشۇق›› لاردەك ئىرماش–چىرماش ئۆسكەن بولۇپ، ‹‹مۇھەببەت دەرىخى›› دەپ ئاتالغان. بۇ مازاردىكى دەرەخلەرنىڭ چوڭلىرى 750 يىللىق تارىخقا ئىگە، دىيامېتىرى تەخمىنەن بىر مېتىردىن ئارتۇق. بۇ دەرەخلەر قاتتىق بوران – چاپقۇن، ھەمدە سىرتقى كۈچنىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ يىقىلىپ چۈشكەن بولسىمۇ، يەنە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ مەزمۇت ئۆسمەكتە. بۇ مازاردىكى تىك يارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن سۈپسۈزۈك سىرلىق بۇلاق سۇلىرى ئەسىرلەردىن بېرى شىلدىرلاپ ئېقىپ كەلمەكتە. بۇلاق تۈۋىدە ‹‹ئايغىر بۇلاق›› دەپ ئاتىلىدىغان بېلىق كۆلچىكى، يېنىدا مازار بار. قىيادا ھارۋا چاقى چوڭلۇقىدا قەدىمكى خەنزۇ يېزىقىدا ‹‹خاسىيەتلىك بۇلاق››، ‹‹ ساسلىقنى باشقۇرغۇچى ئەمەلدار›› دېگەن خەتلەر يېزىلغان ياغاچ تاختا ۋە ‹‹دۇئا چوقۇم ئىجابەت بولىدۇ›› دەپ يېزىلغان قىزىل يىپەك رەختلەر ئېسىلغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە : ناھايىتى قەدىمكى زاماندا بىر ئارغىماق بۇ يەرگە تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ، ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا بۇلاقنىڭ ئېچىگە شۇڭغۇپ غايىپ بولغانمىش. شۇ سەۋەبتىن بۇ بۇلاق ‹‹ئايغىر بۇلاق›› دەپ ئاتالغان . خەلق ئارىسىدا ‹‹تۇغماس ئاياللار زوڭلاڭ مازىرىنىڭ سۈيىنى ئىچسە پەرزەنتلىك بولىدۇ›› دەيدىغان قاراش بولغاچقا، ھەر يىلى ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە شىنجاڭنىڭ ئىچى – سىرتىدىن بۇ مازارغا كېلىپ سەيلى – ساياھەت قىلىدىغانلار، ‹‹كۆز تىگىش››تىن ساقلىنىش، ھەر خىل جاراھەت قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا ئىزدەيدىغانلار بۇ يەرگە كېلىپ دۇئا قىلىپ، سەدىقە بېرىپ، ھەر خىل زىبۇ–زىننەت، پۇل، پىچاق قاتارلىقلارنى بېلىق كۆلچىكىگە تاشلاپ، تەڭرىدىن ئۆزلىرىگە بەخت – سائادەت، تىنچ – ئامانلىق ئاتا قىلىشنى، تۈرلۈك بالا – قازالاردىن ئامان ساقلاشنى ئىلتىجا قىلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ.

      ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى، ئىلمىي نۇجۇم، خىمىيە پەنلىرى ئالىمى ‹‹بەرقى تەجەللى››، ‹‹سەبىقى مۇجەللى››، ‹‹دىۋانى تەجەللى››، ‹‹دىۋانى ئەرەبى›› قاتارلىق كۆپلىگەن كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى تەجەللىمۇ  1856 – يىلى مۇشۇ خاسىيەتلىك زېمىندا دۇنياغا كەلگەن.

زوڭلاڭ مازىرىنىڭ بىر قىسىم تەبئىي مەنزىرىسىدىن كۆرۈنۈشلەر:

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر