باش بەت | سەيلىگاھلار

كونا كوچا ـ دۆڭكۆۋرۈك

 ئېزىز ھەسەن مايتاغ

 

   

   ئۈرۈمچىدىكى كونا كوچا – دۆڭكۆۋرۈكنى بىلمەيدىغان ھەم ئۇنىڭ داڭقىنى ئاڭلىمىغان ئادەم بولمىسا كېرەك. ئۇ ئۈرۈمچىدىكى جەلپ قىلىش كۈچى ئەڭ زور بولغان سېھىرلىك بىر كوچىنىڭ نامى. ئۇ مەڭگۈ ئەڭ قايناق بازار – رەستە.

      ئۈرۈمچىگە كەلگەن ھەر قانداق بىر ئادەم بۇ رەستىگە چوقۇم قەدەم باسماي كەتمەيدۇ. تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدىلا سودا – تىجارەت قىزىپ تۇرىدىغان، كۈنبويى ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىدىغان، ھەممىنى ئۆزىگە كۈچلۈك مەھلىيا قىلىدىغان قايناق تۇرمۇش، رەڭگارەڭ ھايات كارتىنىلىرى، سەيلە – ساياھەتچىلەرنىڭ قەدەم مۇساپىلىرى ۋە شاۋقۇن – سۈرەنلىرى بۇ يەردە ئەڭ تولۇق ۋايىغا يېتىدۇ.

      ئۈرۈمچىدىكى دۆڭكۆۋرۈك ـ تارىختا ھازىرقى ‹‹ئازادلىق يولى›› ۋە ‹‹بوغدا يولى››نىڭ كېسىشىش ئورنىغا سېلىنغان ھالقىما كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىدىغان ياغاچ كۆۋرۈك. دۆڭكۆۋرۈك 1880 – يىللاردىلا ئۈرۈمچىنىڭ مۇھىم ‹‹سودا چەمبىرىكى››گە ئايلانغان بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىمپورت قىلىنغان ماللىرى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ مىلىچماللىرى ئالماشتۇرۇلىدىغان مۇقىم قەرەللىك بازار ئىدى.

      شۇنىڭدىن بۇيان دۆڭكۆۋرۈك ئۈرۈمچىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ كەلدى. بۇ جاي سودىگەرلەر يىغىلىدىغان مىللىي ئالاھىدىلىكى كۈچلۈك بولغان، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تاۋارلار بىلەن مەشھۇردۇر.

      دۆڭكۆۋرۈك سودا چەمبىرىكى ھازىر ئۈرۈمچى ياكى شىنجاڭدىلا ئەمەس، بەلكى ئاسىيا بويىچىمۇ مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان، سودا ئەڭ گۈللەنگەن بۈگۈنكىدەك مەشھۇر سودا رايونىغا ئايلاندى.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر