باش بەت | سەيلىگاھلار

چاغانتوقايدا تاغ گۈلى سەيلىسى

        ‹‹ياۋروپا – ئاسىيا مەركىزى گۈللۈكى›› دەپ نام ئالغان چاغانتوقاي ناھىيەسى ئەۋزەل ساياھەت مەنبەسىگە ئىگە، بۇ يەردە مىڭ خىلدىن ئارتۇق ياۋا ئۆسۈملۈك، 90 خىلدىن ئارتۇق ياۋايى ھايۋان بار. بارلىق تېغىدا شوتلاندىيەدىكىگە ئوخشاش ئېدىرلىقلار، يايلاقلار، يېڭى زېلاندىيەدىكىگە ئوخشاش ئېگىز تاغلار، جىلغىلار، ئورمانلار، كۆللەر بار. قارابۇرا دەرياسى، تاستى دەرياسى قاتارلىق 24 دەريا جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى ئەڭ چوڭ تۈزلەڭلىك قۇلىستاي يايلىقىنى سۇ بىلەن تەمىنلەپ، كۆكەرتىپ، ‹‹ياۋروپا – ئاسىيا مەركىزى گۈللۈكى››نىڭ ئالاھىدە مەنزىرىسىنى نامايان قىلماقتا.  ھەر يىلى 4 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ تاغ گۈللىرى بەس – بەستە ئېچىلىپ، كىشىلەرنى مەھلىيا قىلىدۇ.

    

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر