باش بەت | سەيلىگاھلار

ۋىيېتنامدا كۆرگەنلىرىم

  ئازادجان ئىبراھىم

 

      ۋىيېتنامغا بېرىشنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم ھەم مەندە ۋىيېتنام توغرىسىدا چۈشەنچىمۇ يوق ئىدى. گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ نەننىڭ شەھىرىدىكى ئۆگىنىش ۋە زىيارەت مېنى ۋىيېتنامدا بەش كۈنلۈك ساياھەتتە بولۇشقا مۇيەسسەر قىلدى. ئۆمەك تەركىبىدە گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ بېيخەي شەھىرىدىن پاراخوت بىلەن ۋىيېتنامغا باردىم.

      ۋىيېتنامدا ئاراللار كۆپ ئىكەن، ئاراللار دەل – دەرەخ، گۈل – گىياھ ۋە ئوت – چۆپلەر بىلەن قاپلانغان، مەنزىرىسى بەكمۇ گۈزەل ئىكەن. سۇ ئۈستىگە ياسالغان ئۆي، ئاشخانا، ماگىزىنلارنى ساياھەتچىلەر جانلاندۇرۇۋېتىدىكەن. ۋىيېتناملىق ئاياللار قولۋاقلارغا ھەرخىل سوغۇق ئىچىملىك، مېۋە – چېۋە ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېلىۋېلىپ تىجارەت قىلىدىكەن. بىز سۇ ئۈستى بازىرىنى ساياھەت قىلغاچ سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ، كەچلىك مەنزىلدىكى ياتاققا ئورۇنلاشتۇق. ئەتىسى ۋىيېتناملىق ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ، يول بويى مەھەللە، بازار، دەريا، كۆل، دەل – دەرەخلەرنى، دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى، ئۆزگىچە كۆۋرۈك، قۇرۇلۇشلارنى كۆردۇق، ۋىيېتنامنىڭ پايتەختى خانويدا لېنىن باغچىسى، ۋىيېتنام دۆلەتلىك مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇق. ئۇ يەردە ئامېرىكا ۋىيېتنام ئۇرۇشىدا قولغا چۈشۈرگەن ئايروپىلان، تانكا، زەمبىرەكلەردىن باشقا، ھەرخىل قورال، مىلتىق، نەيزە، پىچاق، بەكە، ئوق – دورا، كىيىم – كېچەك، رەسىم ۋە ھەرخىل ئاسار ئەتىقىلەر بار ئىكەن. خۇجىمىن خاتىرە سارىيى ئالدىدا ھەر كۈنى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. خەلق مەيدانىنىڭ بىر تەرىپىدە ۋىيېتنام خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق سارىيى بىناسى بار ئىكەن. بىنانىڭ ئالدىدا 160 كىچىك ئېتىزدىن تەركىب تاپقان يېشىل مەيدان بولۇپ، ئۇ، ۋىيېتنامنىڭ 160 دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ سىمۋولى ئىكەن. خەلق مەيدانىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدا قويۇق ئۆسكەن بامبۇك دەرىخى بار ئىكەن، ئۇ ۋىيېتنامدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا سىمۋول قىلىنىپتۇ. خۇجىمىن خاتىرە سارىيىنىڭ ئىچىدىكى بىر باغچىدا بۇرۇنقى رەئىس مەھكىمىسى بولۇپ، ئۇ رەئىس خۇجىمىننىڭ تۇرالغۇسى ئىكەن. بۇ تۇرالغۇ خۇجىمىننىڭ ئاددىي – ساددا، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش روھىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئىكەن. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نەچچە ئون مىڭلىغان ساياھەتچى بۇ يەرگە كېلىپ، بۇ مىللىي قەھرىماننىڭ تۆھپىسى بىلەن تونۇشىدىكەن.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر