باش بەت | سەيلىگاھلار

دەپسەنگىدىكى‹‹ئەڭ››

ساتتار رېقىپ ، رۇقىيەگۈل ساتتار

 

      تۇرپان شەھىرىدىكى گۈزەل سەيلىگاھ – بۇيلۇق جاھانغا تونۇشلۇق. شىمالدىن جەنۇبقا سوزۇلغان بۇ سەيلىگاھنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل بولسىمۇ، دائىرىسى كىچىك. بىز مۇشۇ تۇپراقتا تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكىمىز ئۈچۈن، بۇ يەر بىزگە تونۇشلۇق. تۆۋەندە بۇيلۇقنىڭ ‹‹بوسۇغا››سى ھېسابلىنىدىغان دەپسەنگە كەنتىدىكى ‹‹ئەڭ››لەرنى تونۇشتۇرىمىز.

      ئەڭ خەتەرلىك داۋان: تۇرپان شەھىرىدىن پىچان بازىرى، ۋوگزال ۋە كۆمۈرلۈكلەرگە بارىدىغان تاشيول بۇيلۇقنى كېسىپ ئۆتىدۇ. بۇ يولنىڭ دەپسەنگە كەنتى تەۋەسىدە ‹‹خەشەكنىڭ داۋىنى›› دەيدىغان بىر داۋان بولۇپ، تىك ھەم خەتەرلىكلىكى بىلەن مەشھۇر. بۇ داۋاننىڭ يېنىدا ‹‹خەشەك›› لەقەملىك بىر جەمەت كىشىلىرى ياشىغان بولۇپ، بۇ داۋان ئەنە شۇ لەقەم بويىچە ‹‹خەشەكنىڭ داۋىنى›› دەپ ئاتالغان.

      ئەڭ ئېگىزدىكى كارىزلار: تۇرپاندا كارىزنىڭ كۆپلۈكى ھەممىگە ئايان. تۇرپاننىڭ شىمالى ئېگىز، جەنۇبى پەس بولغاچقا، كارىزلارنىڭ مۇتلەق كۆپىنىڭ بېشى ئىدىقۇت تېغىنىڭ جەنۇبىي باغرىدىن باشلىنىدۇ. كارىز سۇلىرى تەشمە يولىدا نەچچە كىلومېتىر، ھەتتا ئون نەچچە كىلومېتىر ئاققاندىن كېيىن، يەر يۈزىگە چىقىدۇ. ئەمما، ئەنە شۇ كارىزلارنىڭ يۇقىرىسىدىكى كارىزلار ئەڭ ئېگىزدىكى كارىزلار ھېسابلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە دەپسەنگە كەنتىنىڭ شەرقىدىكى ‹‹تاھىر شاڭيونىڭ كارىزى››نىڭ سۈيى مول بولۇپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەرنى كۆكلەتمەكتە. كەنتنىڭ غەربىدىكى تاغ ئۈستىدە ‹‹شېكەرلىك كارىزى›› دېگەن كارىز بار. بۇ كارىزنىڭ ئورنى تۇرپان ئويمانلىقىدىن خېلىلا ئېگىز بولۇپ، قۇرۇق تاغ ئىچىدىكى بۇ كارىز كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدا چېپىلغان ‹‹ساي كارىز››، 70 – يىللاردا چېپىلغان ‹‹ياشلار كارىزى›› ۋە 90 – يىللارنىڭ باشلىرىدا چېپىلغان ‹‹ئامبار كارىز›› يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان ئۈزۈملۈك ۋە ئورمانلارنى سۇغىرىشتا ئاساسلىق سۇ مەنبەسى بولۇپ كەلمەكتە.

      ئۈجمە دەرىخى ئەڭ كۆپ كەنت: دەپسەنگىدە ئۈجمە دەرىخى كۆپ بولۇپ، ھەممە ئائىلىنىڭ ئىشىك ئالدى ۋە يول بويلىرىدا سايە تاشلاپ تۇرىدۇ. ئەجدادلىرىمىز تىكىپ ئۆستۈرگەن، نەچچە ئادەمنىڭ غۇلىچى يەتمەيدىغان نەچچە يۈز يىللىق ئۈجمىلەر كۆپ.

      ئەڭ چوڭ سۇ ئامبىرى: تۇرپان شەھىرىدە بىر نەچچە سۇ ئامبىرى بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە دەپسەنگە كەنتىدىكى ‹‹بۇيلۇق سۇ ئامبىرى>> ئەڭ چوڭ. بۇ سۇ ئامبىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرى ياسالغان. ئەسلىدە سۇ جىددىيلىكىنى پەسەيتىش مەقسىتىدە ياسالغان بۇ سۇ ئامبىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا.

      ئەڭ بۇرۇن ئېلېكتىرلەشكەن كەنت: ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىدا تۇرپان شەھىرىدە (ئىلگىرى ناھىيە ئىدى) ناھىيە بازىرىنىڭ توك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 1965 – يىلى سۈيى مول، جۇغراپىيەلىك شارائىتى ياخشى بولغان دەپسەنگە كەنتىدە چوڭ تىپتىكى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلدى. دەپسەنگە خەلقىمۇ جىنچىراغ بىلەن خوشلىشىپ، تۇرپان يېزىلىرىغا نىسبەتەن ئەڭ ئاۋۋال ئېلېكتىر چىراغ ئىشلىتىپ، شۇ دەۋرلەردە ئەڭ بۇرۇن ئېلېكتىرلەشكەن كەنت بولۇپ قالدى. 70 – يىللاردا بۇكەنتتە يەنە چوڭ تىپتىكى ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلدى.

      ئارامگاھلار ئەڭ كۆپ كەنت: تۇرپاندا، جۈملىدىن بۇيلۇقتا ساياھەتچىلىك تېز تەرەققىي قىلدى. كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر دەپسەنگە كەنتى تەۋەسىگە ‹‹ئۈزۈمزار ئارامگاھى››، ‹‹ئەپەندىم››، ‹‹بۇيلۇقتىكى بىرىنچى كەنت›› دېگەندەك مېھمانخانا ۋە ئارامگاھلارنى قۇرغاندىن باشقا، دېھقانلار ھويلا – ئارام ۋە ئۈزۈملۈك، ئورمانلىق ئىچىدە ئارامگاھ، رېستوران، ئاشخانا، دۇكان ئاچتى ھەم ‹‹دېھقانلار شادلىقى›› ئائىلە ساياھىتىنى يولغا قويدى. بۇ كەنتتە يەنە بۇيلۇققا نىسبەتەن تۇنجى كەچلىك بازار قۇرۇلدى. تىجارەتچىلەرنىڭ ئۈزۈم بارىڭى ۋە ئورمان ئاستىدىكى سۈپسۈزۈك سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان ئېرىق ئۈستىگە كارىۋات قويۇلغان ‹‹ئايرىمخانە››لىرى ياز ئاخشاملىرى يىراق – يېقىندىن كەلگەنلەر بىلەن قىزىپ كېتىدۇ. بۇ كەنتتە ساياھەت كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار خېلى كۆپ.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر