باش بەت | سەيلىگاھلار

يايلاقتىكى سىرلىق تاش شەھىرى

   ياڭ شىنسەي

 

      جىمىنەي ناھىيە بازىرىدىن 40 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى توست يېزىسىدا كۆركەم ۋە ھەيۋەتلىك تاش تىزمىلىرى بار، كىشىلەر بۇ رايوننى ‹‹يايلاقتىكى سىرلىق تاش شەھىرى›› دەپ ئاتىشىدۇ.

      بۇ تاش تىزمىلىرى رايونىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1148 مېتىر كېلىدۇ. يېقىندا ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لىن بىزنى بۇ تاش تىزمىلىرى رايونىغا باشلاپ باردى. بۇ يەر سىرلىق تۈس ئالغان تاغ جىلغىسى بولۇپ، ھايۋاناتلار شەكلىدىكى ھەر خىل غەلىتە تاش مەنزىرىلىرى كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى.

      ۋاڭ لىن بۇ يەردىكى ھايۋانات شەكلىدىكى غەلىتە تاشنىڭ 17 خىلدىن ئاشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز قوغدىغۇچى ئىلاھ شەرق شىرى، قىيا تاش لېۋىگە كېلىپ تۇرۇپ قالغان دېڭىز يىلپىزى، ئۇزاق يىللىق ئۇيقۇغا كەتكەن تاشپاقا، يەر بېغىرلاپ ئىلگىرىلەۋاتقان سۇغۇرلارنىڭ تاش شەكلى قاتارلىقلارنى كۆردۇق. بىز مۇتەخەسسىسلەردىن سىرلىق تاش شەھىرىدىكى زور تاشلارنىڭ گىرانىت تاغ جىنىسىدىن تەشكىل تاپقانلىقىنى ئۇقتۇق.

      سىرلىق تاش شەھىرىنىڭ ئەڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ساياھەت قىلىش پەيتى 5 – ئايدىن 9 – ئايغىچە بولۇپ، بۇ مەزگىلدە تۈرلۈك تاغ گۈللىرى ھۈپپىدە ئېچىلىپ، كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىكەن. تاغ، سۇ، گۈل – گىياھ، چېدىر ئۆي، چارۋىچىلار قوشۇلۇپ، گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈرىدىكەن.

      مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر جىمىنەي ناھىيەسى سىرلىق تاش شەھىرىنى دۆلەتلىك گېئولوگىيە باغچىسى قىلىشنى ئىلتىماس قىلىۋېتىپتۇ.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر