باش بەت | سەيلىگاھلار

قاراماي شەھىرىنىڭ يەنە بىر قانىتى — ساياھەتچىلىك

  ماھىرە ئەركىن

 

      ئىلگىرى كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە نېفىتتىن باشقا ھېچقانداق بايلىق يوق، دەپ قارىلىپ كەلگەن قاراماي شەھىرى بۈگۈنكى كۈندە پاكىز، ئازادە مۇھىتى، شەيتانكەرىش، ئايكۆل، نېفىت سانائىتى ساياھىتى قاتارلىق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى بىلەن دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ساياھەتچىلەردە گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ، ‹‹يەر ئاستى نېفىت، يەر ئۈستى ساياھەت›› شەھىرى دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە.

      قاراماي شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 2000 – يىلىدىن باشلاپ ئېچىشنى تېزلىتىش، شەھەرنىڭ ئىزچىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ساياھەتچىلىكنى شەھەر ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم ھالقا ۋە 3 – كەسىپتىكى نۇقتا قىلىپ، ‹‹ ساياھەت بايلىقىنى تولۇق ئېچىش، ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، قاراماي شەھىرىنى ساياھەت شەھىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ›› تىن ئىبارەت ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات نىشانىنى بېكىتتى. شۇنىڭدىن بۇيان، قاراماي شەھىرى مول ساياھەت بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىگە خاس ساياھەت ماركىسىنى ياراتتى، قاراماي شەھىرى ‹‹ جۇڭگودىكى مۇنەۋۋەر ساياھەت شەھىرى ›› ، ‹‹ مەملىكەتلىك سانائەت ساياھەت ئۈلگىسى ›› قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 1999 – يىلى قاراماي شەھىرى 46 مىڭ ئادەم (قېتىم) ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، 26 مىليون يۈەن كىرىم قىلغان بولسا، 2009 – يىلى 1 مىليون 3000 ئادەم (قېتىم) ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، ساياھەتچىلىك كىرىمىنى 672 مىليون يۈەنگە يەتكۈزدى.

      بۇ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتە قاراماي شەھىرىدىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكىلەر ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، بۇنىڭ ئىپادىلىرى: بىرىنچىدىن، ساياھەت كەسپىي سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ كۆلەملىشىشىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. قاراماي شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى ‹‹ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، كارخانىلار ئاساسىي گەۋدە بولۇش، بازارنى يۈرۈشتۈرۈش›› پىرىنسىپى بويىچە، كۆپ خىللاشقان ساياھەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنى ساياھەتتىكى ‹‹ئالتە مۇھىم ئامىل››نى ئۇنىۋېرسال ئېچىشقا مەبلەغ سېلىشقا ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى زەنجىرى، مۇلازىمەت زەنجىرى، تىجارەت زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، يېمەك – ئىچمەك، تۇرالغۇ، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلارنى يۈرۈشلەشتۈردى. ھازىر قاراماي شەھىرى بويىچە ساياھەت كارخانىلىرى 158گە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە ساياھەت كوپىراتىپى 15كە، يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانساراي 20گە، ‹‹دېھقانلار شادلىقى›› ئارامگاھى 21گە، ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرى ئېچىش شىركىتى ئالتىگە يېتىپ، كارخانىلار ئومۇمىي سانى جەھەتتە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 2 – ئورۇندا تۇردى.

      ئىككىنچىدىن، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى ئېچىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ساياھەت تۈر قۇرۇلۇشىدا نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى. ئېسىل مەھسۇلاتلار ساياھەت رايونلىرىنى ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ شەيتانكەرىش، نېفىت سانائىتى ساياھىتىنى نۇقتا قىلغان ساياھەت مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشىنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر يۈرۈش ئالاھىدە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى شەكىللەندۈردى. ھازىر، ساياھەت مەنزىرە رايونى 37گە، ئىستىراھەت كەنتى 11گە، چاڭغا تېيىلىش مەيدانى تۆتكە يەتتى. شەيتانكەرىش مەنزىرە رايونى دۆلەتلىك ‹‹4A›› دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قىلىپ بېكىتىلىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ شىمالىي لىنىيەسىدىكى ئۈچ چوڭ مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بىرى بولدى ھەم ‹‹جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل يارداڭ››، ‹‹جۇڭگو بويىچە چەت ئەللىكلەر بېرىشقا ئەرزىيدىغان 50 ئورۇننىڭ بىرى›› دېگەن شەرەپلەرگە ئېرىشتى. قاراماي دەرياسىمۇ دۆلەت دەرىجىلىك ‹‹4A›› دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ بېكىتىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى داڭلىق كەچلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى.

      ئۈچىنچىدىن، رايونلار ئارا ساياھەت ھەمكارلىقى كۈچەيتىلىپ، بازار ئېچىشتا بەلگىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. قاراماي شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى ئەتراپتىكى قوشنا ئورۇنلار بىلەن بولغان ساياھەت ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەر قايسى جايلارنىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. ئالتاي، چۆچەك، تۇرپان ۋىلايىتى قاتارلىق جايلار بىلەن ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ رايونلار ساياھەت ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزۈپ، ‹‹بايلىقتىن ئۆزئارا پايدىلىنىش، ئەۋزەللىكنى ئۆزئارا تولۇقلاش، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش›› جەھەتتە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى ۋاسىتە قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئاساسلىق يولۇچىلار مەنبەسى بازىرىنىڭ تۇتىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 21 شەھەرنى چۆرىدەپ يولۇچىلار مەنبەسىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ساياھەت كەسپىدىكى تەرەققىيات بوشلۇقىنى تولدۇردى. كەڭ دائىرىلىك تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش ئارقىلىق بۇغدا كۆلى، شەيتانكەرش، قاناسنى ئاساس قىلغان جۇڭغار ئويمانلىقى رايونى قاتارلىق ساياھەت ھەمكارلىق سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، قاراماي شەھىرىنىڭ شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى ئىگىلىگەن نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

      تۆتىنچىدىن، ساياھەت بازارلىرىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ساياھەت كەسپىنىڭ راۋاجلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ساھەلەر بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قاراماي ساياھەتچىلىكىنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلىدى. ساياھەت بازارلىرىنى تەرتىپكە سېلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ساياھەت كوپىراتىپلىرى، يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانساراي ۋە ساياھەتچىلىك مۇلازىمىتى خادىملىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى. ساياھەت كەسپى بويىچە ئىختىساس ئىگىلىرىنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىش ئورنىدا تەربىيەلەش بىلەن كەسپىي ئىقتىدار بويىچە تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتۇپ، ساياھەتچىلىك كەسپىي خادىملىرىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر