باش بەت | ئەترەت خىزمىتى

يېزىنىڭ ئەترەت خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرەيلى

      1. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش

      ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق، ئەترەت تەشكىلاتلىرى مەملىكەتلىك پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ 6 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ ھاۋالىسى، ‹‹دۆلەت ئوتتۇرا – ئۇزاق مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات پىلان پىروگراممىسى(2010 – يىلدىن 2020 – يىلغىچە)››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە يېزا پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەتكە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش؛ يەنە بىر تەرەپتىن ھۆكۈمەتنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ يېزا پىيونېرلار ئەترىتى بازا قۇرۇلۇشى ۋە ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە بولغان مالىيە سېلىنمىسىنى ئاكتىپ قولغا كەلتۈرۈپ، يېزا پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ خىزمەت مۇھىتىنى ياخشىلاپ، يېزا تەربىيەچىلىرىنىڭ تەمىناتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا پىيونېرلار ئەترىتىنى ئومۇميۈزلۈك جانلاندۇرۇشقا ئاساس سېلىش كېرەك.

      2. ئۆز جايىنىڭ شەرت – شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېزا پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتى ئۈستىدە يېڭىلىق يارىتىش

      ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق، ئەترەت تەشكىلاتلىرى يېزا ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ ‹‹بىر كەنت بىر پەزىلەت›› تالىشىش خىزمىتىنىڭ تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ پىيونېرلار ئەترىتى تەشكىلاتىنىڭ شەكلىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش كېرەك. مەسىلەن، پىيونېرلارنىڭ تۇرمۇشى، ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ‹‹كىچىك بۈركۈت تەتىللىك كىچىك ئەترىتى››، ‹‹قىزىل گالىستۇك كىچىك ئۆمىكى››، ‹‹يۇرتىدا قالغان ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كىچىك گۇرۇپپىسى›› قاتارلىقلار؛ يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، قائىدە ئۆگىنىش، يېڭى ئىستىل تىكلەش، ئەدەپلىك بولۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەترەت پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئەلالاشتۇرۇش؛ ھاياتىي كۈچكە تولغان مەكتەپ، ئىناق مەكتەپ قۇرۇش قاتارلىق مەكتەپ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ قائىدە – تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئەترەت تەشۋىقات بازىسىنى قۇرۇپ، قويۇق پىيونېرلار ئەترىتى مەدەنىيەت كەيپىياتىنى يارىتىش كېرەك.

      3. ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكتىن ساقلىنىپ، يېزا ئەترەت پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىش

      يېزىدا تەبىئىي تەربىيە بايلىق مەنبەسى بار. ئەترەت تەشكىلاتلىرى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن ئەترەت پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. مەسىلەن، ئەترەت تەشكىلاتلىرى يېز ئىگىلىك يېڭى پەن – تېخنىكا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئەترەتنىڭ ‹‹كىچىك ساياھەت يېتەكچىسى››، ‹‹كىچىك چۈشەندۈرگۈچى›› قاتارلىق پائالىيەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بارسا بولىدۇ.

      4. ئۈلگە كۆرسىتىپ، يېزا ئەترەت خىزمىتىنىڭ يېڭى ئۈلگىسىنى دەل ۋاقتىدا كېڭەيتىش

      ئۈلگىنىڭ رولى چەكسىز. شۇڭا، ئاساسىي قاتلام ئەترەت تەشكىلاتلىرى ئۆز جايىدىكى ياخشى پائالىيەت، ياخشى تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ ھەم تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. مەسىلەن، يەنئەن يېزا ئەترەت تەشكىلاتى قانات يايدۇرغان ‹‹يەنئەن روھى كىچىك چۈشەندۈرگۈچى››، ‹‹يەنئەن روھى قىزىل ساياھەت كىچىك مۇخبىرلار ئون مىڭ چاقىرىملىق زىيارەت›› قاتارلىق پائالىيەتلەردىن پىيونېرلار يەنئەن روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش جەريانىدا يەنئەن روھىغا ۋارىسلىق قىلغۇچى ۋە ئەمەلىيەتچىسىگە پەيدىنپەي ئايلىنىدۇ.

      يېزا ئەترەت خىزمىتى ئەترەت ئىشلىرىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئۈنۈملۈك تەدبىرنى قوللىنىپ، يېزا ئەترەت خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى، ئومۇمىيلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈستۈرگەندىلا ئاندىن يېزا ئەترەت تەشكىلاتى جانلىنىپ، يېزا پىيونېرلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش تەلىپىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلالايدۇ.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر