باش بەت | مەشھۇر شەخسلەر

فارابى

(870 —950)

      تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرى ۋە پەيلاسوپ – ئالىمى ئەبۇ ناسىر فارابى مىلادى 870 – يىلى ئىسسىق كۆلنىڭ جەنۇبىدىكى بالاساغۇن شەھىرىگە قاراشلىق فاراب قىشلىقىدا تۇغۇلۇپ، 950 – يىلى دەمەشىق شەھىرىدە ۋاپات بولغان.

      فارابى بالىلىق چاغلىرىدىن تارتىپ ئوتتۇرا ياشقا كىرگۈچە ئانا يۇرتىدا ھېساب ئىلمى، پەلسەپە، دىن، ئەخلاق، مۇزىكا، تىل – ئەدەبىيات، ئىلمىي نۇجۇم (ئاسترونومىيە)، تېبابەت قاتارلىق پەنلەر بويىچە ئەتراپلىق ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى يەنىمۇ تولۇقلاش مەقسىتىدە ئەينى زاماندىكى ئىسلام خەلىپىلىكىنىڭ مەركىزىي باغداتقا بېرىپ ئەرەب ئالىملىرىدىن ئەرەب تىلىنى، خرىستىيان دىنى مۇتەپەككۇرلىرىدىن گرېك تىلى، پەلسەپە، لوگىكا ۋە تېبابەتچىلىك بىلىملىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەن. ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدە كۆرسەتكەن ئاجايىپ تىرىشچانلىقلىرى ئەللىك يېشىدا ئۇنى ئىلىم دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئۆز دەۋرىنىڭ تەڭداشسىز پەيلاسوپ ئالىمى سۈپىتىدە دۇنياغا تونۇتقان. تارىخىي مەنبەلەردە ئۇنىڭ بىرقانچە ئون خىل تىل بىلىدىغانلىقى ھەمدە ‹‹ئىلىم – پەننىڭ نۇرلىرى ۋە ئۇنى تونۇشتۇرۇش››، ‹‹ئالەم بوشلۇقى ھەققىدە سۆز››، ‹‹ئاسترونومىيە قانۇنلىرى ھەققىدە››، ‹‹شېئىر ۋە قاپىيە توغرىسىدا›› قاتارلىق ئىلىم – پەننىڭ كۆپ تۈرلىرىنى دېگۈدەك ئۆز ئىچىگە ئالغان 160 پارچىغا يېقىن ئەسەر يېزىپ قالدۇرغانلىقى خاتىرىلەنگەن.

 

مۇزىكىنىڭ سېھرىي كۈچى

 

      فارابى پەلسەپە، ئەدەبىيات، لوگىكا قاتارلىق پەنلەر ساھەسىدىلا كامالەتكە يەتكەن ئۇلۇغ ئالىم بولۇپ قالماستىن مۇزىكا ئىلمى ساھەسىدىمۇ دەۋر بۆلگۈچ تەسىرگە ئىگە تەربىيەچى، مۇزىكا ئىجادىيەتچىسى، ھەر خىل چالغۇلار ئىختىراچىسى ھەم ئۆز دەۋرىنىڭ مەشھۇر ناخشىچىسى، سازەندىسى ئىدى. تارىخىي مەنبەلەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇ مۇزىكا چالغاندا ئاڭلىغۇچىلارنى ئاۋۋال ئىختىيارسىز كۈلدۈرىدىكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن مۇڭغا سېلىپ يىغلىۋېتىدىكەن، ئاخىرىدا ئۇلارنى ئۇخلىتىپ قويۇپ ئۆزى ھېچكىمگە سەزدۈرمەستىن كېتىپ قالىدىكەن.

      فارابى مۇزىكا ئىلمىغا دائىر ‹‹مۇزىكا توغرىسىدىكى چوڭ قامۇس››، ‹‹مۇزىكا ھەققىدە رىسالە››، ‹‹مۇزىكا توغرىسىدا سۆز›› قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغاندىن سىرت قالۇننى ئۆزى ياساپ سىم تارتىپ چالغان. مۇزىكىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئىلھاملاندۇرۇش رولىنى يۇقىرى باھالاپ: ‹‹مۇزىكىنىڭ تىلسىز مۇڭلىرى ئىنساننىڭ روھىغا مەنىۋى ئوت تۇتاشتۇرغۇچى ئامىلدۇر›› دېگەن.

 

  ئىككىنچى ئۇستاز

 

      ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئەبۇ ناسىر فارابىنىڭ ھېكمەت، پەلسەپىنى ئوقۇشىغا بىر كىشى سەۋەبچى بولغانىكەن. ئۇ بىر كۈنى فارابىغا ئارىستوتېلنىڭ بىرنەچچە پارچە كىتابىنى بېرىپ: ‹‹بۇ سىزدە تۇرۇپ تۇرسۇن، كېيىنچە ئەكېتىمەن›› دەپ كىتابلارنى قالدۇرۇپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن فارابى ھېلىقى كىتابلارنى ۋاراقلاپ كۆرۈپ، كۆڭلىگە يېقىپ قاپتۇ – دە بىر باشتىن ئوقۇشقا باشلاپتۇ. ئوقۇغاندىمۇ شۇنداق بېرىلىپ ئوقۇپتۇكى، تاكى ئۇنىڭ مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىۋالمىغۇچە قويماپتۇ.

      فارابى ئارىستوتېل ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ قويۇش بىلەنلا چەكلەنمەستىن ئۇنىڭ ‹‹كاتېگورىيە››، ‹‹سوفىستىكا››، ‹‹توپىكا››، ‹‹رىتورىكا››، ‹‹پوئېتىكا››، ‹‹مېتافىزىكا›› قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ئىزاھلايدىغان ‹‹ئەفلاتون ۋە ئارىستوتېل پەلسەپىسىنىڭ مەقسەتلىرى›› قاتارلىق بىرمۇنچە ئەسەرلىرىنى يېزىپ، ئۆز دەۋرىدىكى يېڭىچە پەلسەپە ئېقىمىنىڭ ئاساسچىسى سۈپىتىدە زور شۆھرەت قازىنىش بىلەن ئارىستوتېلدىن كېيىنكى ‹‹ئىككىنچى ئۇستاز›› دەپ ئاتالغان.

 

تۆت دەرھەم كۈمۈش پۇل

 

      ئېيتىشلارغا قارىغاندا شىمالىي سۈرىيە ھەمەدان خاندانلىقىنىڭ ئەمىرى سەيفۇل دەۋلە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەبۇ ناسىر فارابى بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ ئۇنىڭ دانىشمەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن چەكسىز ئىززەت – ئېھتىرام بىلدۈرگەن. نەتىجىدە ئەمىرنىڭ ئەبۇ ناسىر فارابى ئىشتىراكى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىلىشلىرىنىڭ قىممىتى ھەسسىلەپ ئېشىپ داڭقى ئەتراپقا تارقالغان.

      ئەبۇ ناسىر فارابى قانائەتچان ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر كۈنى سەيفۇل دەۋلە بەرگەن تۆت دەرھەم كۈمۈش پۇلدىن باشقا ھېچقانداق ئىنئام – مۇكاپاتنى قوبۇل قىلمايدىكەن. ئاشۇ تۆت دەرھەم پۇلنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا زۆرۈر بولغان نەرسىلەرگە سەرپ قىلىدىكەن. ھەتتا ئۆي – ماكانلىق بولۇشنىمۇ ئويلىمايدىكەن ۋە بىرەر پايدىنى كۆزلىمەيدىكەن. ئەبۇ ناسىر فارابى دەمەشىقتە 80 يېشىدا ۋاپات بولغاندا سەيفۇل دەۋلە قول ئاستىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن جىنازا نامىزىغا ھازىر بولۇپ ئالىمنىڭ دەپنە مۇراسىمىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزگەن.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر