باش بەت | يېزىقچىلىق يېتەكچىسى

كېڭەيتىپ يېزىش ماھارىتى

كېڭەيتىپ يېزىش

 

      ماتېرىيال بەلگىلەپ بېرىلگەن ماقالىلەرنىڭ بىر خىل بولۇپ، بۇنىڭدا بەلگىلىك بىر تەلەپ ئاساسىدا بەلگىلەپ بېرىلگەن مەزمۇنلار تولۇقلىنىپ، كېڭەيتىلىپ، يەنى ئەسلىدىكى قىسقا بىر پارچە ماقالە ئۇزارتىلىپ، كونكترېت، تەپسىلىي قىلىپ يېزىلىدۇ.

      كېڭەيتىپ يېزىشتا بەلگىلەپ بېرىلگەن مەزمۇن ئاساسىدا مول تەسەۋۋۇر ۋە باغلانما تەسەۋۋۇرنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مەزمۇنلارنى تولۇقلاشقا، تەپسىلاتلارنى كېڭەيتىشكە، پېرسوناژلار ئوبرازىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە، ۋەقەلىكنى كونكرېت، جانلىق ھالەتكە كەلتۈرۈشكە تىرىشىش كېرەك.

      كېڭەيتىپ يېزىشتا چوقۇم تولۇقلانغان مەزمۇنلارنى ئەسلى ماتېرىيال بىلەن ئورگانىك ھالدا بىرلەشتۈرۈشىمىز، ئەسلىي بەلگىلەنگەن ماتېرىيالنىڭ ئۇسلۇبىنى ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، پېرسوناژلارنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، مەركىزىي ئىدىيەنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، قۇرۇلمىنىڭ ۋە ماقالە تۈرىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

 

      كېڭەيتىپ يازىدىغان تېما: ‹‹سارنىڭ چۆجە تۇتۇشى››

 

      كېڭەيتىپ يازىدىغان ماتېرىيال: ئويۇن باشلاندى، بىر ساۋاقداش سار بولدى، قالغان ساۋاقداشلار چۆجە بولدى، گۈلسۈم مۇئەللىم ‹‹ئانا›› بولدى. سار بىر قانچە قېتىم چۆجىلەرگە ھۇجۇم قىلدى. ئەمما «ئانا» سارنى توسۇپ، ئۆز بالىلىرىغا يېقىن كەلتۈرمىدى، بىر چۆجە ئاخىرى سارغا تۇتۇلۇپ قالدى. ساۋاقداشلار قاقاھلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى.

      ساۋاقداش، ئۆگەنگەن نەزەرىيەۋى بىلىملىرىڭىزنى تولۇق ئىشقا سېلىپ بۇ ماتېرىياللارنى كېڭەيتىپ يېزىپ چىقىڭ. بېرىلگەن ئۈلگىنى ھەرگىزمۇ كۆرۈشكە ئالدىراپ كەتمەڭ، ئاۋۋال يېزىڭ، ئاندىن ئۈلگىنى ئوقۇپ، يازغانلىرىڭىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ. بۇ ئۈلگە قانداق يېزىلىپتۇ؟ سىز قانچىلىك يېزىپسىز؟ پەرقلەرنى تېپىپ يازغانلىرىڭىزنى يەنىمۇ تولۇقلاڭ. (ئۆرنەك)

 

سارنىڭ چۆجە تۇتۇشى

تاجىگۈل ئابدۇۋايىت

 

      ئويۇن باشلاندى، بىر ساۋاقداش سار بولدى، قالغان ساۋاقداشلار چۆجە بولدى، گۈلسۈم مۇئەللىم بولسا چۆجىلەرنىڭ ئانىسى بولۇپ، سەپنىڭ ئالدىدا تۇردى.

      سار شۇ ھامان ئۆزىنىڭ ياۋۇز قىياپىتىنى ئاشكارىلاپ، چۆجىلەرگە قاراپ ئېتىلدى. ئۇ بىردەم ئوڭغا قاراپ يۈگۈرسە، يەنە بىردەم سولغا قاراپ يۈگۈرۈپ، چۆجىلەرنى تۇتۇشقا ئۇرۇناتتى. يەنە بەزىدە تېخى چۆجىلەرنى قوغلاپ، سەپنى بىرقانچە قېتىم چۆرگىلىۋېتەتتى. بىر چاغدا سار چاقماق تېزلىكىدە بۇرۇلۇپلا ئارقىدىكى چۆجىگە ئېتىلدى، ئانا دەرھال قوللىرىنى كېرىپ، سارنىڭ ئالدىنى توسۇۋالدى. سار قاياققا ھۇجۇم قىلسا، ئانىمۇ چاققانلىق بىلەن شۇ تەرەپنى توسۇپ، ئۆز بالىلىرىنى ھوشيارلىق بىلەن قوغدايتتى. چۆجىلەر بولسا بىر – بىرىگە مەھكەم ئېسىلىشىپ، ئانا قاياققا بۇرۇلسا، چورقىرىشىپ تەڭلا شۇ ياققا بۇرۇلاتتى؛ قاياققا يۈگۈرسە ئەگىشىپ شۇ ياققا يۈگۈرەتتى، توختاۋسىز چۇرقىرىشاتتى، سەكرىشەتتى، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە سارغا تۇتۇق بەرمەسلىككە تىرىشاتتى.

      سار بىرقانچە قېتىم ئوڭ ۋە سولدىن ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. شۇندىلا ئۇ بۇ چۆجىلەرگە ئاسانلىقچە تەڭ كەلگىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى – دە، ھۇجۇم قىلىش شەكلىنى تۇيۇقسىزلا ئۆزگەرتىپ، ئەڭ ئارقىدىكى چۆجىگە قاراپ ئېتىلدى، ئانا ھۇدۇققان ھالدا دەرھال ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇشقا يۈگۈردى. ئەمما، سار ھىيلىگەرلىك بىلەن ئارقىغا ياندى – دە، ئانىنىڭ قولتۇقى ئاستىدىن ئۆتۈپ كەتتى ۋە ئانا ئۆزىنى ئوڭشاپ توسۇشقا ئۈلگۈرۈپ بولغىچە ئېتىلىپ بېرىپلا قېچىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالغان بىر چۆجىنى تۇتۇۋالدى. سار بۇ غەلىبىسىدىن پەخىرلىنىپ تەكەببۇرلۇق بىلەن كۈلۈپ كەتتى. چۆجىلەر دەسلەپ ئانىسىغا قارىشىپ ئۇلۇغ – كىچىك تىنىشتى، كېيىن سارغا ئەگىشىپ قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى، ئويۇن مەيدانىنى جاراڭلىق كۈلكە ساداسى قاپلىدى.

   

مەنبە: ‹‹ماقالە يېزىش يېتەكچىسى››دىن تەھرىر: ئاينۇر