باش بەت | بالىلار ساغلاملىقى

نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ لىزىننى كۆپ ئىستېمال قىلىشى مۇۋاپىق ئەمەس

      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لىزىن بىلەن كۈچەيتىلگەن يېمەكلىكلەر بازارلاردا ناھايىتى ياخشى سېتىلىۋاتىدۇ، بىرمۇنچە ئائىلە باشلىقلىرى پەرزەنتلىرىگە مۇشۇنداق يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ بېرىشنى ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بالىلارغا مۇۋاپىق مىقداردا لىزىن تولۇقلاپ بېرىش زۆرۈر، لېكىن ھەرگىز كۆپ بەرمەسلىك كېرەك.

      لىزىن بىرخىل ئامىنو كىسلاتاسى بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىدىكى قويۇق لىزىن ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان يەنە بىرخىل ئامىنو كىسلاتاسى – ئارگىنىننى زور مىقداردا پارچىلىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەم بەدىنىدىكى لىزىن بىلەن ئارگىنىن ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلىدۇ. ئەگەر بۇ ئىككى خىل ئامىنو كىسلاتاسى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق ئۇزاق مۇددەت بۇزۇلسا، بالىلارنىڭ ئىشتىھاسى ئاجىزلاپ كېتىش، بەدەن ئېغىرلىقى چۈشۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

      شۇڭا، بىز بەزى ئېلانلارغا قارىغۇلارچە ئىشىنىپ كەتمەسلىكىمىز، شۇنداقلا بەزى سېتىش ۋاسىتىلىرى ئالدىدا گاڭگىراپ قالماسلىقىمىز، پەنگە ئىشىنىپ، ئىلمىي قانۇنىيەت بويىچە ئىش كۆرۈشىمىز كېرەك.

 

مەنبە: يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن تەھرىر: قەلبىنۇر