باش بەت | پىسخىكا


بالىلارنىڭ پىسخىكىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار

      بىر قىسىم پىسخولوگ، ئالىملار تۆۋەندىكى بىر نەچچە تۈرلۈك ئائىلە تەربىيەسىنى بالىلارنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىغا ئىنتايىن زىيانلىق، دەپ قارىماقتا.

      ئاتا–ئانا مېھرىدىن مەھرۇم قېلىش. بالا ئۇزاق مۇددەت ئاتا – ئانىسىنىڭ مېھرىگە ۋە ھېسداشلىقىغا ئېرىشەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۆزىگە بولغان غەمخورلۇقى ھەم كۆيۈنۈشىنى چۈشەنمەسلىك؛

      ئاتا – ئانىنىڭ بالىغا بولغان پوزىتسىيەسى بىردەك بولماسلىق.

      بالىنى تۇرۇپلا مەيلىگە قويۇۋېتىش، تۇرۇپلا بەك چىڭ تۇتۇش ياكى ئانىسى بالىنى بەك ئەركىگە قويۇۋېتىش، دادىسى بولسا بالىغا بەك قاتتىق تەلەپ قويۇش؛

      قېرىنداشلار ئارىسىدىكى جېدەل. بالا ئاتا – ئانىسىنىڭ ياخشى كۆرۈشىنى ۋە ئائىلىدىكى ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاكا – ئۇكا، ئاچا – سىڭىللار ئوتتۇرىسىدا جېدەل چىقىرىپ، دوستانە ئۆتمەسلىك؛

      جازالاش. بالا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە جازاغا ئۇچراش ياكى قاتتىق خورلۇققا ئۇچراش؛

      ھەدىدىن زىيادە تەلەپ قويۇش. بالىنىڭ چوڭ – كىچىك ھەممە ئىشىغا ئارىلىشىپ تەلەپنى قاتتىق قويۇۋېتىش؛

      ئالداش. بەزى بالىلار ئاتا – ئانىسىغا تولا ئالدىنىۋەرگەنلىكتىن، يامان ئادەتنى يېتىلدۈرۈۋېلىش؛

      ۋەزىپە جەھەتتىكى قالايمىقانچىلىق. بەزى ئاتا – ئانىلار بالىلىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ يېشى، جىنسى ۋە قابىلىيىتىگە ماس كەلمەيدىغان ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىش؛

      بالىنى ئۆزى تەرەپتە تۇرۇشقا مەجبۇرلاش. ئاتىسىمۇ، ئانىسىمۇ بالىسىنى ئۆزى تەرەپتە تۇرۇشقا مەجبۇرلاش ياكى بالىنىڭ ھېسسياتى بىلەن قىزىقىشىنى كونترول قىلىشنى ئويلاش.

مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر