باش بەت | ئەترەت بىلىملىرى

ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئەترەت پائالىيىتىدىكى رولى

                                          جياڭ شىڭلۈن

      زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ رولى چوڭ بولۇپ، بىۋاسىتىلىق، ئوبرازلىق، يېڭىچە، كۆپ مەنبەلىك، سىغىمى چوڭ، تورلاشقان بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن ئوخشىمىغان قاتلام، ئوخشىمىغان شەكىل، ئوخشىمىغان كۆلەمدىكى مائارىپ ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ ئەنئەنىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلىدى. شۇڭا، كۆپلىگەن مەكتەپلەردىكى ئەترەت تەشكىلاتلىرى زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ئەترەت پائالىيىتىدە قوللىنىپ، ئەنئەنىۋى ئەترەت پائالىيەتلىرىنىڭ خىزمەت ئەندىزىسىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئىسلاھ قىلىپ ئەترەتنىڭ خىزمەت دائىرىسىنى كېڭەيتتى.

      1. زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، ئەترەتنىڭ ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش.

      مەكتىپىمىزدىكى ھەربىر پىيونېرنىڭ شەخسىي ئارخىپى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئائىت ئىش ئىزلىرى خاتىرىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەكتەپلەردە ‹‹كىچىك بۈركۈت مېدالى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندا كۆپلىگەن ئىشلارنى خاتىرىلەشكە ۋە ئارخىپلارنى ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئەنئەنىۋى قەغەز ئارخىپلار ساقلاش تەس بولۇش، ئۆزگەرتىش، كۆپەيتىش، ئۆچۈرۈش قۇلايسىز بولۇش، ئاختۇرۇش قۇلايسىز بولۇشتەك كەمچىلىكلەردىن خالىي ئەمەس. شۇڭا، ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئارخىپ باشقۇرۇش قېلىپلىق ھەم ئاددى بولىدۇ. تەربىيەچى سانلىق مەلۇمات يۇمشاق دېتاللىرىدىن پايدىلىنىپ بارلىق ئارخىپ ماتېرىياللارنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ ساقلىسا ئارخىپ خاتىرىلىرى ھەقىقى ئېنىق ساقلىنىدۇ، ئاختۇرۇشمۇ قۇلايلىق بولىدۇ. ئەگەر مەكتەپ ئىلمىي بۆلۈمىدە كومپيۇتېردا ساقلىنىۋاتقان ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئېلېكترونلۇق باشقۇرۇش تۈرىدىكى نۇرغۇن ماتېرىياللاردىن ئورتاق پايدىلانغىلى بولسا مەكتەپلەرنىڭ ئەترەت خىزمىتى ۋە ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

      2. زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىپ ئەترەت قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش.

      يىلدا بىر ئېچىلىدىغان پىيونېرلار قۇرۇلتىيى پىيونېرلار تەشكىلاتىنىڭ دېموكراتىيە، مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى كونكرېت ئىجرا قىلىنغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، پىيونېرلارنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىدىكى مۇھىم كاپالەت، شۇنداقلا، پىيونېرلارنىڭ دېموكراتىيىنى ئۆگىنىش، دېموكراتىيىنى جارى قىلدۇرۇش، دېموكراتىك ئىقتىدارى ۋە خوجايىنلىق ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىم شەكلى. شۇڭا، ئەترەت قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىش ياكى ئېچىلماسلىقى ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر كومپيۇتېر تېخنىكىسى قۇرۇلتاينىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا قوللىنىلسا قۇرۇلتاينىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا پايدىلىق. مەسىلەن، قۇرۇلتاي ئېچىلىشتىن بۇرۇنقى تەشۋىقات باسقۇچىدا تەربىيەچىلەر ئىلگىرىكى نامزاتلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى رەسىم ئارقىلىق تەشۋىق قىلىشتەك ئەنئەنىۋى شەكىلنى ئۆزگەرتىپ، كامېرا بىلەن ھەربىر نامزاتنىڭ ۋەكىللىك ئىش ئىزلىرىنى سۈرەتكە ئېلىپ، ئاندىن مەكتەپ سىملىق تېلېۋىزىيە تورى ئارقىلىق كۆرسەتسە پىيونېرلارنىڭ نامزاتلارغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ. يەنە كومپيۇتېر كۆرسىتىش چاستوتا تېخنىكىسى ئارقىلىق كامېرادا سۈرەتكە ئېلىنغان ماتېرىياللارنى سېفىرلىق سېگنالغا ئۆزگەرتىپ كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ نامزاتلار ئىش ئىزلىرىنى سۆزلىسە، بىرلا ۋاقىتتا نامزاتلارنىڭ كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلگەن ماتېرىيالىنى قويۇپ بەرسە ۋەكىللەرنىڭ ئادىل بېلەت تاشلىشىنى ئاساس بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. قۇرۇلتايدا يۇمشاق دېتالدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلتاينىڭ خىزمەت دوكلاتىنىڭ مەزمۇنىنى ھەرىكەتلىك، يېزىقلىق تىزىس شەكلىدە ھەرقايسى ئوتتۇرا ئەترەتلەرگە ۋاقتىدا تارقاتقىلى بولىدۇ. يەنە سىكانىرلىغۇچتىن پايدىلىنىپ ئەترەت خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سۈرەت ۋە تەقدىرنامىلەرنى سىكانىرلاپ ئىشلەنگەن پرويېكسىيە فىلىمغا كىرىشتۈرۈش ئارقىلىق ھەر قايسى ۋەكللەرگە ئوبرازلىق، بىۋاسىتە كۆرسەتكىلى، شۇ ئارقىلىق پىيونېرلار قۇرۇلتىيىنى پىيونېرلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ.

      3. زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىپ ئەترەت پائالىيىتىنىڭ شەكلىنى خىلمۇخىللاشتۇرۇش.

      پائالىيەت ئەترەتنىڭ جېنى. پىيونېرلار ئاددىي، ئوبرازلىق پائالىيەت شەكىللىرىنى ياقتۇرىدۇ، تەسىرلىك، قىزىقارلىق، رەڭگارەڭ پائالىيەت داۋامىدا ئۆز – ئۆزىنى تەربىيەلەشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا، زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىدىكى كومپيۇتېر دەل ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي، پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە، قىزىقىش – ھەۋىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەربىيە ۋاسىتىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر، تەربىيەچىلەر كومپيۇتېر تېخنىكىسىنى ‹‹كىچىك بۈركۈت مېدالى››، ‹‹قول تۇتۇشۇش›› قاتارلىق پائالىيەتلەردە قوللىنىپ، كۆرسەتمىلىك دەرس لايىھىسىدىن پايدىلىنىپ ئەترەتنىڭ تەربىيە نىشانى ۋە مەزمۇنىنى ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈپ پىيونېرلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى كۆپ تەرەپتىن قوزغىسا ئاددىي، جانلىق ئەترەت پائالىيىتى داۋامىدا پىيونېرلارغا ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەت سىڭدۈرۈش ۋە ئۇنى يېتىلدۈرۈش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى پىيونېرلارنىڭ كۆز ئالدىدا چەكسىز ئالەمنى نامايان قىلىپ ئۇلاردا قىزىقىش، ئىزدىنىش ئىستىكى پەيدا قىلالايدۇ، ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىنى ئويغىتالايدۇ. شۇڭا، بىز ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ئەترەت خىزمىتىدە قوللىنىپ، پىيونېرلارغا تەسەۋۋۇرىنى جارى قىلدۇرىدىغان، يېڭىلىقتىن زوق ئالالايدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرەيلى!

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر