باش بەت | كچىك دوراساندۇقى

ھاۋا تۇراقسىز چاغلاردا بەدىنىڭىزنى ئىسسىق تۇتۇڭ

       پەسىل ئالمىشىدىغان مەزگىلدە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۇراقسىز بولۇپ، بۇ مەزگىلدە بەدەننىڭ مۇھىم قىسىملىرىنى ئىسسىق تۇتۇش كېرەك.

      مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا كىشلەر باش، مۈرە، قورساق، پۇت، تىز بوغۇمى قاتارلىق ئورۇنلارنى ئىسسىق تۇتۇشى كېرەك، بولۇپمۇ پەسىل ئالمىشىدىغان ۋاقىتتا تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشى تۇراقسىز بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا تېخىمۇ بەك دىققەت قىلىش كېرەك. بۇ مەزگىلدە سەھەردە چاچ يۇيۇش مۇۋاپىق ئەمەس؛ مۈرە بوغۇمى بىلەن ئەتراپتىكى تەشكىلىي بوغۇملار بىر ئاز ئاجىز بولۇپ، تېمېپراتۇرا تۆۋەنلىگەندە، مۈرە ئەتراپى ياللۇغى كۆپ قوزغىلىدۇ، شۇڭا مۈرىنى ئىسسىق تۇتۇش كېرەك؛ ئاشقازان، ئۈچەي كېسىلى بار ئاغرىقلار قورساق قىسمىنى ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىپ، كېسەللىكنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

      مۇتەخەسسىس مۇنداق دېدى: ‹‹پۇت ئادەم بەدىنىدىكى يۈرەكتىن ئەڭ يىراق قىسمى بولغاچقا، پۇت مۇزلىسا، پۈتۈن بەدەن مۇزلاپ كېتىدۇ. بۇلۇپمۇ ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئاستا خاراكتېرلىك رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى پەيدا قىلىدۇ.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر