باش بەت | بالىلار ساغلاملىقى

نېمە ئۈچۈن بالىلار شاكىلاتنى كۆپ يېسە بولمايدۇھ

      شاكىلات كوكا پۇرچىقىنى ئاساسلىق ماتېرىيال قىلىپ ئىشلەنگەن شېكەرلىك يېمەكلىك. ئۇنىڭ تەمى مەززىلىك، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ، چوڭلار ۋە بالىلار ئۇنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن، شاكىلات ۋىتامىنلىق يېمەكلىك تەرىقىسىدە بالىلارغا كۆپ بېرىلسە، پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئادەم بەدىنىنىڭ ھەرخىل ۋىتامىنلارغا بولغان ئېھتىياجى مەلۇم نىسبەت بويىچە بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاقسىل 10 – 15 پىرسەنتىنى، ماي 30 – 35 پىرسەنتىنى، شېكەر 50 – 60 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىشى كېرەك. شاكىلاتنىڭ تەركىبىدە ئوزۇقلۇق كۆپ بولسىمۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ھەرخىل ۋىتامىنلارنىڭ نىسبىتىدىن خېلىلا يىراق، ئەگەر كۆپ يېيىلسە، ئادەم بەدىنىدىكى ھەرخىل ئوزۇقلۇقلارنىڭ نىسبىتىنى بۇزۇۋېتىدۇ – دە، بالىلارنىڭ ئۆسۈشىگە ھاجەتسىز ئاۋارىگەرچىلىكلەرنى ئەكېلىدۇ. ئەگەر بالىلار شاكىلاتنى كۆپ يەۋەتسە، جىم تۇرالماس بولۇپ قالىدۇ؛ چوڭلار شاكىلاتنى كۆپ يېگەندىن كېيىن ئۇيقۇسى قېچىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، شاكىلات بەك تاتلىق بولغاچقا، بەك كۆپ يېسە ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، ئېغىز پۇراش ۋە چىشقا قۇرت چۈشۈش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

مەنبە: يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن تەھرىر: قەلبىنۇر