باش بەت | ئەترەت خىزمىتى

مەكتەپ ئەخلاق تەربىيەسى ۋە سىنىپ مەسئۇلىلىق خىزمىتىنى كۈچەيتىشتىكى ئۈچ نۇقتا

      ئەخلاقىي تەربىيە ۋە سىنىپ مەسئۇلىلىق خىزمىتىدە قانداق قىلغاندا ‹‹پىروگرامما››نىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرغىلى بولىدۇ دېگەندە تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا ئېتىبار بېرىشىمىز لازىم:

      1. تەربىيەنى ئەخلاقىي تەربىيە دېيىشكە بولىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تەربىيە ئەخلاقىي تەربىيە بولالايدۇ. تەربىيەنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن مول بولۇپ ئۇنىڭدىكى ھەر خىل ‹‹كىيىم››لەرنى سالدۇرۇۋەتكەندە قېلىپ قالغىنى ئەخلاقىي تەربىيە، يەنى ئادەم تەربىيەلەش، ئوقۇغۇچىلارغا قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەت. مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بېرىدىغان بىلىمى چەكلىك بولىدۇ، شۇڭا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى تەربىيەلەش، مۇستەقىل ئۆگىنىش ۋە ئۆمۈربويى ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشى كېرەك. تەربىيەنىڭ مەقسىتى ئوقۇغۇچىلارنى ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيەلەشتۇر، بۇنىڭدا ئىدىيە ئەخلاق تەربىيەسى ئىنتايىن مۇھىمدۇر. كۆپ يىللىق تەربىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش تەجرىبەم ماڭا ئەخلاقىي تەربىيەنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇردى. چۈنكى، بىر ئادەمنىڭ ئەخلاقىي پەزىلىتى ناچار بولسا ئۇ ھەرقانچە بىلىملىك ۋە ئىقتىدارلىق بولغىنى بىلەنمۇ جەمئىيەتكە ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ چىقالمايدۇ.

      2. ئۆزگەرتىش كۈچەيتىشتۇر. يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدا ئەخلاقىي تەربىيە بىلەن سىنىپ مەسئۇلىلىق خىزمىتى كۈچەيتىلىشى لازىم، بىراق، بۇنى قارىغۇلارچە كۈچەيتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، كۈچەيتىش ياخشى بولمىسا مەلۇم مەنىدىن ئاجىزلاپ كېتىدۇ ياكى قارىماققا كۈچەيتىلگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە ئاجىزلاپ كېتىدۇ. مەسىلەن، ئەخلاقىي تەربىيەنى مۇۋاپىق بولمىغان ئورۇنغا كۆتۈرگەندە ئۇ ئاجىزلاپ كېتىش بولىدۇ. بىزنىڭ نۆۋەتتە تەققەزالىق بىلەن قىلماقچى بولغان ئىشىمىز ئىلگىرىكى ياخشى تەجرىبىلەرگە ۋە ئۇسۇللارغا ۋارىسلىق قىلىپ ئۈزلۈكسىز ھالدا ئەخلاقىي تەربىيە ۋە سىنىپ مەسئۇلىلىق خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، ياخشىلاشتىن ئىبارەت.

      3. ئۇسۇل مۇۋاپىق بولۇش ئەمەلىي ئۈنۈمدۇر. ئەخلاقىي تەربىيە ۋە سىنىپ مەسئۇلىلىق خىزمىتىنى ئۆزگەرتىدىغان تەرەپلەر ناھايىتى كۆپ بولىدۇ، بىراق ئۆزگەرتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئەخلاقىي تەربىيە ۋە سىنىپ مەسئۇلىلىق خىزمىتىگە ئېنىق بىر چەك بولۇشى كېرەك. بىز ئەخلاقىي تەربىيە خىزمىتىنى بارلىق نەرسىلەرنىڭ ئورنىنى باسالايدۇ دەپ قارىغان چېغىمىزدا ئەمەلىيەتتە ئەخلاقىي تەربىيە مەۋجۇت بولمىغان بولىدۇ؛ ئەگەر ئەخلاقىي تەربىيەدە بىر ئېنىق چەك بولسا ئۇنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى خېلى كۈچلۈك بولىدۇ. مەسىلەن، نىشان تەربىيەلەشتە بىز ئوقۇغۇچىلارنى ھەم ئىزباسار قىلىپ تەربىيەلەشنى ھەم قۇرغۇچىلار قىلىپ تەربىيەلەشنى، يەنە شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشتىكى كىچىك قەھرىمان بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇنىڭدا ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن ئىنتايىن كۆپ بولغىنى بىلەن مەكتەپنىڭ ‹‹قانداق ئادەم تەربىيەلەش›› مەسىلىسىدە ئىشلىگەن خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى كۈچلۈك ئەمەس. يەنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىش مەسىلىسىدە مەكتەپ تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرادىن ئىبارەت ئالتە يىللىق تەربىيە بىلەنلا ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق تەربىيەلەپ چىقالامدۇ؟ بۇ ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، بىر ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۆمۈرلۈك بولىدۇ. شۇڭا، مەكتەپ ئالدى بىلەن خىزمەت مەزمۇنىغا ‹‹ئېنىق چەك بېكىتىش›› كېرەك. مانا بۇ ‹‹ئۇسۇل مۇۋاپىق بولۇش››تۇر. ئۇسۇل مۇۋاپىق بولسا ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلالايدۇ، ئۇ چاغدا خىزمىتىمىز تەبىئىي ھالدا ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ. ئەلۋەتتە قانداق ‹‹مۇۋاپىق›› بولۇش بىزگە ئوخشاش تەربىيە ئىدىيەسىنى تەتقىق قىلغۇچىلار ۋە بىرىنچى سەپتە ئىشلەۋاتقان، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلەرنىڭ ئىسلاھات خىزمىتى داۋامىدا ئەستايىدىل ئويلىنىشى لازىم بولغان مەسىلە.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر