باش بەت | پىسخىكا

باشقىلارغا كۆپرەك ياخشى باھا بېرىڭ

      پىسخولوگلار ‹‹ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا ئىككى ئامىل مۇھىم رول ئوينايدۇ›› دەپ قارايدۇ، بۇنىڭ بىرى، ئۆزىنىڭ ئۆزىگە بەرگەن باھاسى، يەنە بىرى، باشقىلارنىڭ باھاسى.

      باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ۋە مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان باھا قارشى تەرەپكە ئۈمىد ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئۆزىنى قايتا تۇنۇشى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

      شۇنداقمۇ كىشلەر باركى، مەلۇم جەھەتتە خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان ياكى ئىپادىسى ياخشى بولمىغان كىشىلەرنى كۆرسە، ئۇلارنى ھەدىدىن زىيادە ئەيىبلەپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ يېتەرسىز تەرەپلىرىنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ، ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئېغىزىغا ئېلىپمۇ قويمايدۇ، ھەتتا بىلمەسكە ئاڭلىماسقا سېلىۋالىدۇ. بۇنداق قىلىش باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى تۈزۈتىۋېلىشىغا ياكى ئالغا بېسىشىغا پايدىسىز بولۇپلا قالماستىن، ئۇلاردا پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلىنىش كەيپىياتىنى پەيدا قىلىدۇ – دە، نەتىجىدە تېخىمۇ ناچارلىشىپ كېتىدۇ. ئىلھاملاندۇرۇش بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى ئەيىبلەش بىلەن كەمسىتىشنىڭ ئورنىغا دەسسىىتىپ، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆپرەك مۇئەييەنلەشتۈرگەندىلا ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى تۇنۇشىغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ، شۇندىلا ئۇلارنىڭ ئىشەنچ ۋە ئىرادىسى ئاشىدۇ.

     باشقىلارنى ئەيىبلەش ۋە كەمسىتىشتىن بۇرۇن ئالدى بلەن ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۆزىڭىزنى قۇيۇپ تۇرۇپ ئويلاپ بېقىڭ، ئەگەر باشقىلارمۇ سىزنى شۇنداق كەمسىتسە، ئۇ ھالدا سىز قايسى ھالغا چۈشۈپ قېلىشىڭىز مۇمكىن؟ ئېسىڭىزدە بولسۇن، ھەرقانداق كىشى باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە، ماختىشىغا سازاۋەر بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئەيىبلىشىنى ۋە كەمسىتىشىنى خالىمايدۇ، شۇڭا باشقىلارغا كۆپرەك ياخشى باھا بېرىش كېرەككى، ھەرگىز كەمچىلىك، سەۋەنلىكلىرىنى بىۋاستە يۈزىگە سالماسلىق، خاتالىقلىرىنى ئەگىتىپ تۇرۇپ كۆرسىتىپ بېرىش كېرەك، شۇندىلا سىزمۇ سەۋەنلىكتىن خالىي بولالايسىز.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر