باش بەت | سەيلىگاھلار

فۇجيەن ساياھەتچىلىكى توغرىسىدا

 

ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم

 

      ئىدارىمىز بارلىق ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە بىر قېتىملىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بېرىش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرغان ئېكسكۇرسىيە پائالىيىتىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۆمىكى تەركىبىدە بۇ يىل 7 – مارتتىن 13 – مارتقىچە فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شيامېن، ۋۇيىشەن ۋە فۇجۇ قاتارلىق ئۈچ شەھىرىدە ئېكسكۇرسىيە ھەم ساياھەتتە بولدۇم. بۇ بىر ھەپتىلىك ساياھەت جەريانىدا ھەم ۋەتەننىڭ گۈزەل تاغ – دەريالىرىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندىم، ھەم فۇجيەننىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنى مۇخبىرلىق كۆزى بىلەن كۆزىتىپ، فۇجيەن ساياھەتچىلىكى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنى سېلىشتۇرۇپ، ھېس قىلغانلىرىمنى، فۇجيەن ساياھەتچىلىكى توغرىسىدىكى يۈزەكى قاراشلىرىمنى مۇشتەرىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆرۈپ قولۇمغا قەلەم ئالدىم.

      شەرقىي دېڭىز بويىغا جايلاشقان فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ساياھەتچىلىكىنى، ئاساسلىقى، تاغ – سۇ ساياھەتچىلىكى، دېسەك ئارتۇق كەتمەيدىكەن. بولۇپمۇ، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ئاساسلىق ساياھەت شەھەرلىرىنىڭ بىرى بولغان شيامېننىڭ ساياھەتچىلىكى دېڭىز بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى چىڭداۋ، ۋېيخەي شەھەرلىرى ۋە لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىكى داليەن شەھىرى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. بىراق، شيامېنلىقلار ئازادلىقنىڭ دەسلىپىدىن تاكى 1977 – يىلىغىچە داۋاملاشقان تەيۋەن بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ جىنمېن ئارىلىنى تالىشىپ بىر – بىرىنى ئۇدا 20 نەچچە يىل توپقا تۇتقانلىقى توغرىسىدىكى رىۋايەت تۈسىنى ئالغان تارىخىي ھېكايىلەر ئارقىلىق بۈگۈنكى شيامېن ساياھەتچىلىكىگە يېڭى مەنە ۋە ئۆزگىچە سېھرىي كۈچ ئاتا قىلغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە، چىڭداۋ، داليەن قاتارلىق شەھەرلەردىن ئوبدانلا پەرقلىنىپ تۇرىدىكەن.

      ساپ ھاۋا، پاكىز مۇھىت، ئازادە يول، بىپايان ساھىل، زۇمرەتتەك سۇ، يېشىل تاغ، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، رەڭگارەڭ گۈل – چېچەك... مانا بۇلار شيامېن ساياھەتچىلىكنىڭ يارقىن نۇقتىلىرى ھېسابلىنىدىكەن. شۇنداق بولغاچقىمۇ، سىز مەيلى باغدا، مەيلى تاغدا، مەيلى دېڭىز ساھىلىدا ياكى ئاسفالت يوللاردا سەيلى قىلىڭ، ئۆزىڭىزنى خۇددى غايەت چوڭ بىر ئوكسىگېن خالتىسىنىڭ ئىچىدە تۇرۇۋاتقاندەك ھۇزۇر ھەم ئارامبەخش ھېس قىلىدىكەنسىز. بولۇپمۇ، بىزگە ئوخشاش قۇرغاق ھاۋاغا ئوبدانلا ‹‹كۆنۈپ قالغان››لاردا بۇنداق تۇيغۇ تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدىكەن. دېمەك، ساپ ھەم پاكىز مۇھىت فۇجيەن ساياھەتچىلىكىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ كېلىۋاتقان مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدىكەن. بولۇپمۇ، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئاممىۋى ھاجەتخانا، ئەخلەت ساندۇقى ۋە مەخسۇس ئارام ئېلىش سۇپىلىرى بار بولۇپ، ھەرخىل رەڭدىكى خىزمەت فورمىلىرىنى كىيگەن تازىلىق ئىشچىلىرى سۇلياۋ خالتىلارنى كۆتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئارقىسىدىن سايىدەك ئەگىشىپ يۈرۈپ، مېۋە شۆپۈكى، تاماكا قالدۇقى، سۇلياۋ خالتىلارنى تېرىش بىلەن ئالدىراش ئىكەن.

      ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ تەبىئىيلىكىنى ساقلاش فۇجيەن ساياھەتچىلىكىدىكى يەنە بىر چوڭ خاسلىق ھېسابلىنىدىكەن. مېنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى، فۇجيەن ساياھەتچىلىكىنىڭ كوزىرلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان شۇنچە چوڭ ۋۇيىشەن تېغىدا بىرەر مېھمانساراي، يېڭىدىن سېلىنغان ئارامگاھ، ئاشخانا ياكى ماگىزىننى ئۇچراتقىلى بولمايدىكەن. ھەتتا تاغ ئىچىدە تاماكا چېكىشمۇ مەنئى قىلىنىدىكەن. مانا بۇ مەنزىرىلەرنى كۆرگىنىڭىزدە، بىزنىڭ قاناس، نارات، يۇقىرىقى تاغ (نەنسەن) قاتارلىق سەيلىگاھلىرىمىزدىكى چەكسىز كەتكەن يايلاقلارنى بۇزۇپ، قارىغايلارنى كېسىپ سالغان ئارامگاھ، ياتاق ۋە ئاشخانىلىرىمىزنى خىيال قىلىپ، كۆڭلىڭىز ئىختىيارسىز غەش بولىدىكەن.

      گۇلاڭيۈ شيامېن شەھىرىدىكى كىچىككىنە ئارال بولسىمۇ، بۇ يەر ھەريىلى 2 مىليوندىن كۆپرەك ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدىكەن. بۇ ئارالدا مۇنداق ئىككى نەرسە ماڭا بەكمۇ تەسىر قىلدى. بۇنىڭ بىرى، بۇ ئارال بىلەن شيامېن ئوتتۇرىسىغا تا ھازىرغىچە كۆۋرۈك سېلىنمىغانلىقى، يەنە بىرى، بۇ ئارالدىكى بانكا، ئاممىۋى تېلېفون، مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنىڭ تولۇقلۇقى. ساياھەت يېتەكچىسى چېڭ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، كۆۋرۈك سېلىنمىغانلىقتىكى سەۋەب، قانداقتۇ مەبلەغ ۋە ياكى تېخنىكىنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئارالنىڭ ئەسلىي قىياپىتى ۋە مۇھىتىنى ساقلاش ئۈچۈن ئىكەن. شۇنداق بولغاچقىمۇ، بۇ ئارالدا تا ھازىرغىچە بىرمۇ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يوق ئىكەن. بۇ يەردىكى بانكا قاتارلىقلارمۇ پۈتۈنلەي ئىلگىرى سېلىنغان فىرانسىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كونسۇلخانىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن. دېمەك، شيامېنلىقلار بۇنداق قىلىش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن، ساياھەتچىلەرگە ئەتراپلىق مۇلازىملىق قىلىش مەقسىتىگە يەتكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ ››ئالقانچىلىك‹‹ ئارالنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى ساقلاشنى ئۆز مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى، دەپ بىلگەن.

      چېڭ خانىمنىڭ چۈشەندۈرۈش سۆزلىرىنى ئاڭلاۋاتقاندا، خىيال كەپتىرىم يەنە بىر قېتىم يۇرتىمىز تامان پەرۋاز قىلىپ، توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون كۆلدىلەڭ مەنزىرە رايونىدىكى يايلاقلاردا توپا – چاڭ توزۇتۇپ ئۇياقتىن – بۇياققا چېپىپ يۈرگەن مۇسابىقە موتوسىكلىتى ۋە مۇسابىقە ئاپتوموبىللىرى كۆز ئالدىمدا نامايان بولدى. چۈنكى سىز بۇ يەردە پۇللا بەرسىڭىز، موتوسىكلىت ياكى ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ، يايلاقنىڭ خالىغان يېرىدە ئوت – چۆپ ۋە گۈل – چېچەكلەرنى دەسسەپ – چەيلەپ يۈرەلەيسىز، ئەمەسمۇ!

      فۇجيەنلىكلەر ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ھەقىقەتەن كۆپ باش قاتۇرۇپتۇ. بۇنىڭ دەلىلى شۇكى، فۇجيەننىڭ ساياھەت بايلىقى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئەتراپتىكى ھەممە نەرسىنى ساياھەتچىلىككە سۆرەپ كىرىشكە بەكمۇ كۈچەپتۇ. شۇڭا، فۇجيەندە تاغ – سۇ ساياھەتچىلىكىدىن باشقا يەنە، سانائەت رايونى ساياھەتچىلىكى، يېزا ئىگىلىك ساياھەتچىلىكى، سودا رايونى ساياھەتچىلىكى ۋە مائارىپ ساياھەتچىلىكى قاتارلىقلارمۇ بەكمۇ تېز تەرەققىي قىپتۇ. بولۇپمۇ، ساياھەتچىلەرگە فۇجيەننىڭ قەھۋە، چاي، ئۈنچە – مەرۋايىت قاتارلىق يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش ۋە بۇ مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشقا قىزىقتۇرۇش فۇجيەن ساياھەتچىلىكىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپتۇ. بىز ۋۇيىشەن شەھىرىدىكى بىر چايچى دېھقان دەملىگەن ھەرخىل تەملىك چايلارغا ئېغىز تەگكەچ، ئۇنىڭ چايلىرىنى توختىماي ماختاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتقاندا، قەشقەردىكى ئانارلىق باغلىرىمىز، ئاتۇشتىكى ئەنجۈرلۈك باغلىرىمىز، خوتەندىكى ياڭاقلىقلار قاچانمۇ مۇشۇنداق جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ سەيلىگاھىغا ئايلىنار، دېگەن خىياللاردا بولدۇم.

      مەن شيامېندىكى دېڭىز ساھىلىدا تۇرۇپ، بىپايان دېڭىزغا نەزەر سالغاندا، يۇرتۇمدىكى چەكسىز كەتكەن قۇم بارخانلىرىنى ئەسلىدىم. بىزدە دېڭىز بولمىغان بىلەن دېڭىزدىنمۇ سىرلىق ھەم سېھىرلىك بولغان تەكلىماكان قۇملۇقى بار. بىراق قۇملۇق ساياھەتچىلىكى تېخىچە بىزنىڭ ئېچىشىمىزنى كۈتمەكتە. پاراخوتقا ئولتۇرۇپ، تەيۋەن بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ پاسىلى ھېسابلىنىدىغان جىنمېن ئارىلىنى ئەڭ يېقىن ئارىلىقتىن تاماشا قىلىۋاتقاندا، يۇرتىمىزدىكى چېگرا ساياھەتچىلىكىنىڭ كەمدىن – كەم ئۇچرايدىغان ئالاتاۋ، قورغاس، قونجىراپ، باقتۇ، بەدەل، دولاتا قاتارلىق ››گۆھەر‹‹لىرىنى ئەسكە ئالدىم. بامبۇكتىن ياسالغان سالغا ئولتۇرۇپ، ۋۇيىشەندىكى جيۇچۈشى(توققۇز ئەگىم ئېقىن)دا ئۈزۈپ يۈرگىنىمدە، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى بولغان ئانا دەريا تارىم ۋە ئىلى دەريالىرىدىكى سال ۋە بېلىقچى كېمىلىرىنى خىيال قىلدىم، ۋۇيىشەن تېغىدىكى تىك پەلەمپەي بىلەن يۇقىرى ئۆرلەۋاتقاندا، ھەيۋەتلىك تەڭرىتاغ ۋە ئۇنىڭ قىش – ياز قار – مۇز كەتمەيدىغان قارلىق چوققىلىرى كۆڭۈل ئېكرانىمدا نامايان بولدى...

      ئاخىرقى خۇلاسە شۇكى، فۇجيەن ئۆزىنىڭ دېڭىز، تاغ – دەريا ھەم گۈل – چېچەكلىرى بىلەن گۈزەل ھەم سېھىرلىك. ئوخشاشلا، يۇرتىمىز شىنجاڭمۇ دەريا – ئېقىن،   كۆل ھەم چۆل، تاغ ھەم باغ، شۇنداقلا بىپايان قۇم بارخانلىرى بىلەن تېخىمۇ جەلپكار. بۇ يەردىكى پەرق پەقەت ساياھەتچىلىكنىڭ ئەھمىيىتى ۋە خاسىيىتىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇش، ساياھەت بايلىقلىرىنى دۇنياغا تەشۋىق قىلىش ۋە ساياھەتچىلىك ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاشقا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئوخشىماسلىقىدا. بۇ يەردە مۇنداق بىر نەرسىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىش زۆرۈركى، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، تېخى دۇنيا ئەھلىگە ئۆزىنىڭ سېھىرلىك چۈمبىلىنى تولۇق ئاچقىنى يوق. شۇنىسى ئېنىقكى، شىنجاڭ يېقىن كەلگۈسىدە سىرلىق سېھرىي كۈچى بىلەن دۇنيا خەلقىنى ئۆزىگە تېخىمۇ جەلپ قىلىپ، ساياھەتچىلىكتىكى ئالتۇن پەسلىنى چوقۇم كۈتۈۋالىدۇ.

 

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر