باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىم نۇتۇقى

لېي فېڭنىڭ بالىلىق چاغلىرى

      لېي فېڭنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلى بولۇپ خەلقنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى نامرات ئىدى. لېي فېڭ ئەينى ۋاقىتتا كۈندىلىك خاتىرىسىگە: ‹‹ئائىلەم ناھايىتى نامرات ئىدى. دادام، ئاپام، ئاكام، ئىنىم دۈشمەنلەرنىڭ قولىدا ئۆلگەن، بۇ قانلىق قىساسنى مەڭگۈ ئېسىمدە ساقلايمەن›› دەپ يازغان. لېي فېڭنىڭ بوۋىسىنىڭ ئىسمى لېي شىنتىڭ بولۇپ ئۇ پومىشچىكنىڭ يېرىنى ئىجارىگە ئېلىپ تىرىكچىلىك قىلغان، يىلبويى جاپالىق ئىشلىسىمۇ ئۆيدىكىلەرنى باقالمىغان، ئاخىر كېسەلدىن ئۆرە بولالمىغان. يىل ئاخىرىدا پومىشچىك ئالدىنقى قەرزنى سۈيلىگەچكە يەنە يەر ئىجارە ئېلىپ تېرىشقا مەجبۇر بولغان. لېي شىنتىڭ قەرزنى قايتۇرالماي ئاچچىق يۇتۇپ ئاخىر چاغاننىڭ پوجاڭزا ئاۋازلىرى ئىچىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئۇنىڭ دادىسى لېي مىڭلياڭ رەئىس ماۋ زېدۇڭ رەھبەرلىكىدىكى خۇنەن دېھقانلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان بولۇپ قوغدىغۇچىلارنىڭ ئەترەت باشلىقى بولغان، 1938 – يىلى تۇتۇلۇپ گومىنداڭنىڭ قولىدا قىينىلىپ مېيىپ بولۇپ قالغان، يېزىسىغا قايتقاندىن كېيىن كېسىلىنى داۋالاتقاچ يەر تېرىپ جاپالىق كۈن كەچۈرگەن، 1944 – يىلى ياپون ئالۋاستىلىرىنىڭ قولىدا قىينىلىپ يارىسى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېيىنكى يىلى كۈزدە ئۆلۈپ كەتكەن. ئاكىسى لېي جېڭدې 12 ياشتا بالا ئىشچى بولغان، ئېغىر ئەمگەكتە سىل كېسىلى بولۇپ قالغان. بىر كۈنى تۇيۇقسىز زاۋۇت ماشىنىسى يېنىدا ھوشىدىن كېتىپ ماشىنا ئۇنىڭ بىلەك ۋە قولىنى يانجىۋەتكەن. ئىشتىن بوشىتىلغاندىن كېيىن بوياقچىلىق زاۋۇتىدا بالا ئىشچى بولغان، ئېغىر ئەمگەكتە ئۇنىڭ كېسىلى تېخىمۇ ئەدەپ كەتكەن، داۋالىنىشقا پۇلى بولمىغاچقا بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن. ئىنىسىمۇ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن. لېي فېڭ ئالتە ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭ ئائىلىسىدە ئاپىسى بىلەن ئۆزىلا قالغان. لېي فېڭنىڭ ئاپىسىمۇ ئېغىر كۈلپەت تارتقان ئايال ئىدى. ئۇ تۆمۈرچىنىڭ قىزى بولۇپ تۇغۇلۇپ نەچچە كۈندىن كېيىن نامراتلىقتىن ئاتا – ئانىسى باقالماي چاڭشادىكى بوۋاقلار دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ بەرگەن، جيەنجياتاڭدىكى ياڭ فامىلىلىك بىر ئىنىكئانا ئۇنى ئەكىتىپ بېقىۋالغان، ئالتە ياشقا كىرگەندە ئۇنى لېي ئائىلىسىگە ئاسراندى كېلىنلىككە بېرىۋەتكەن. كېيىن ئۇ پومىشچىك تاڭ سىگۇن تەرىپىدىن خورلىنىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. لېي فېڭ يەتتە ياشقا توشمايلا يېتىم بولۇپ قالغان. قوشنىسى ليۇشۇ موماي ئۇنى بېقىۋالغان. ئۇ ليۇشۇ موماينىڭ ئائىلىسىگە ياردەملىشىپ دائىم تاغدىن ئوتۇن كېسىپ كەلگەن، بىراق تاغدىكى ئوتۇنلارنىڭ ھەممىسىنى پومىشچىكنىڭ خوتۇنى ئىگىلىۋالغان بولۇپ نامراتلارنىڭ ئوتۇن كېسىشىگە يول قويمىغان. بىر كۈنى لېي فېڭ شېشىڭ تېغىغا ئوتۇن كەسكىلى بارغاندا پومىشىكنىڭ خوتۇنى كۆرۈپ قېلىپ قاتتىق ھاقارەتلىگەن، لېي فېڭ ئوتۇننى يۈدۈپ ئۇنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولغان، ئۇ يەنە لېي فېڭنىڭ كەكىسىنى تارتىۋالغان، لېي فېڭ يىغلاپ كەكىسىنى ئېلىپ كەتمەكچى بولغاندا ئۇنىڭ سول قولىنى ئۈچ قېتىم چانىۋەتكەن، قىپقىزىل قان ئۇنىڭ بارماقلىرىنى بويلاپ يولغا تامچىلىغان. لېي فېڭ يارا ئېغىزىنى مەھكەم بېسىپ لېۋىنى چىشلەپ غەزەپكە تولغان كۆزلىرىنى پومىشچىكنىڭ خوتۇنىغا تىكىپ: ‹‹ھامان بىر كۈنى قىساس ئالىمەن!›› دېگەن. قولىنىڭ دۈمبىسىدە ئۈچ تال تاتۇق قالغان.

 

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر