باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

چىك رەسسام ئىسكەندەر

ھۈسەن تۇردى  

      غۇلجا شەھىرى كېپەكيۈزى يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ 6 – يىللىق 1 – سىنىپنىڭ باشلىقى ئىسكەندەر ئەيسا سىزغان ‹‹دىنازاۋۇر دۇنياسى››، ‹‹ئوقۇتقۇچى›› ناملىق ئىككى پارچە رەسىمنىڭ مەملىكەتلىك 16 –، 17 – نۆۋەتلىك ئۆسمۈرلەر ‹‹ساپا›› لوڭقىسى گۈزەل سەنئەت مۇسابىقىسىدە ئارقا – ئارقىدىن ئالتۇن ۋە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشگەنلىك خۇش خەۋىرى يېتىپ كېلىشى بىلەن ھەممەيلەن خۇشاللىققا چۆمدى. ئوقۇتقۇچىلار ئىسكەندەرنىڭ بۇ مۇۋەپپەقىيەتىدىن شادلىنىپ كۈلسە، ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇدى، ئاتا – ئانىسى ئۇنىڭدىن پەخىرلەندى.

      تىرىشچانلىق مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاچقۇچى. بۇ ئىسكەندەرنىڭ ئۆگىنىش پوزىتسىيەسى. ئۇ مەكتەپ قوينىغا قەدەم قويغاندىن بۇيان ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ دەرسلەرنى تىرىشىپ ئۆگەندى، مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن مەۋسۇم بېشىدا تۈزۈۋالغان ئۆگىنىش پىلانى بويىچە ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ تاپشۇرۇقلىرىنى ئەستايىدىل ئىشلىدى، ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى تەكرارلىدى، دەرسلەرنى ئالدىن كۆردى، ئىنگلىز تىلى ۋە خەنزۇ تىلى مەشىق سوئاللىرىنى ئىشلىدى؛ ھېيت – بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ دەرس تەكرارلاشنى ئۇنتۇمىدى؛ باشقىلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بەردى؛ باشقىلار بىلەن ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتۈش ۋە ئىنتىزامدا ساۋاقداشلىرىغا ئۈلگە بولدى. نەتىجىدە ئۇ 1 – يىللىقتىلا سىنىپ باشلىقى بولۇپ سايلاندى ۋە ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى، ‹‹مۇنەۋۋەر پىيونېر›› بولۇپ باھالاندى.

      ئىسكەندەر تۆت ياشقا كىرگەندە ئاتا – ئانىسى ئۇنىڭ دائىم قەغەزگە رەسىم سىزىپ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنى رەسىم كۇرسىغا ئاپىرىپ بەردى. ئۆزىنىڭ بوشاشماي تىرىشىشى ۋە مۇئەللىملەرنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىشى نەتىجىسىدە ئۇ رەسىملەرنىڭ تۈرلىرى ۋە قائىدە – قانۇنىيەتلىرىنى خېلى پىششىق ئىگىلىدى. مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن بىر تەرەپتىن دەرسلەرنى تىرىشىپ ئۆگەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن مەكتەپنىڭ رەسىم كۇرۇژۇكىغا قاتنىشىپ رەسىم سىزىشنى داۋاملىق مەشىق قىلدى. دەم ئېلىش كۈنلىرى ئوبلاستلىق ياش – ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەش مەركىزىدە رەسىم سىزىش كۇرسىغا قاتناشتى.

      جاپالىق مەشىق ئىسكەندەرنى نەتىجىگە ئېرىشتۈردى. 2010 - يىلى 5 – ئايدا ئۇ يەتتە يىللىق ئەجرىنىڭ مېۋىسى بولغان ‹‹بالىلىقىم››، ‹‹ئانا دەريا››، ‹‹ئۇسسۇلچى قىزلار›› قاتارلىق 116 پارچە سۇ بوياق رەسىمىنى مەكتەپتە كۆرگەزمە قىلدى. ئۇنىڭ كۆرگەزمىسىگە يېزا ۋە شەھەرگە قاراشلىق ئون نەچچە مەكتەپتىن 600 دىن ئارتۇق گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى. ئىلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئوبلاست بويىچە تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرغان بۇ تالانتلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ھەققىدە مەخسۇس پىروگرامما ئىشلىدى.

      ئۇنىڭ سىنىپ مەسئۇلى ئارزۇگۈل مۇئەللىم پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: ‹‹ھەر يىلى مەكتەپ، يېزا ۋە ناھىيە بويىچە ‹ئۈچتە ياخشى› ئوقۇغۇچى، ‹مۇنەۋۋەر پىيونېر›، ‹ئۈلگىلىك سىنىپ كادىرى› بولۇپ باھالىنىپ كېلىۋاتقان ئىسكەندەر سىنىپىمىزنىڭ گۈل تاجىسى. ئۇ مەيلى ئۆگىنىش ياكى تۇرمۇشتا بولسۇن قايسى ساۋاقدىشى قىينچىلىققا ئۇچرىسا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بېرىدۇ، ساۋاقداشلىرى بىلەن ئىناق، ئىجىل ئۆتىدۇ، مەن ئۇنىڭ تېخىمۇ تىرىشىپ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىنى تىلەيمەن››.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر