باش بەت | كىيىم – كېچەك

تۇماقچىلىق

 

بۈمەريەم شېرىپ خۇشتار

 

      ئۇيغۇر تۇماقچىلىقى ئۇزاق تارىخقا، ئۆزىگە خاس ئەنئەنىۋى ئالاھىدىلىككە ئىگە. كىشىلەر ئەنئەنىۋى يەرلىك تۇماقلارنى كىيىشنى ئۆزلىرىنىڭ غۇرۇرى، سەلتەنىتى، دەپ بىلىدۇ. تۇماقلار يارىشىملىق، ئىسسىق بولۇشتەك ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولغاندىن سىرت، گۈل قىسىپ كىيىشكە، ئالدى – ئارقىسىنى ئايلاندۇرۇپ كىيىشكىمۇ ئەپلىك.

      تۇماق رەختى: قولى چېۋەر ئۇستىكارلار تۇماق رەختى ئۈچۈن كەمچەت، قاما، سۆسەر، تىيىن، تۈلكە، سۈلەيسىن، سۇغۇر، ئەلتېرە، قوي، ئۆچكە، ئات تېرىسى قاتارلىق 183 خىل ھايۋاننىڭ تېرىسىنى، تاشلىقى ئۈچۈن دۇخاۋا، مەخمەل، مويىت قاتارلىق ئېسىل رەخت ۋە ئەستەر ئۈچۈن ھەرخىل رەختلەرنى ئىشلىتىدۇ.

      تۈرى: تۇماق ئەرلەر ۋە ئاياللار تۇمىقى، دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنۈش بىلەن بىللە، ياشلار، ئوتتۇرا ياشلىقلار، قېرىلار تۇمىقى، دىنىي زاتلارنىڭ سەللە تۇمىقى ۋە خىلمۇ خىل يەرلىك تۇماقلار، مەسىلەن، ئاتۇش تۇمىقى، پەيزاۋات تۇمىقى، قەشقەر، خوتەن، كېرىيە تۇمىقى، قاغىلىق تۇمىقى، مەكىت تۇمىقى، يېڭىسار ساغان تۇمىقى، كۇچار تۇمىقى، قۇمۇل تۇمىقى، دېگەنگە ئوخشاش 70 – 80 خىلدەك تۈر، نۇسخىلارغا بۆلۈنىدۇ.

      تۇماقچىلىق سايمانلىرى: تېرە كېسىدىغان پىچاق، ئەستەر، تاشلىق رەخت كېسىدىغان قايچا، يىپ، يىڭنە، پاختا، قېلىپ، ناۋات، چىۋىق، قاراگۈل، رەڭ ۋە باشقا پەرداز بۇيۇملىرىدىن ئىبارەت.

      تىكىلىشى: ھەرقانداق تېرە، ئالدى بىلەن، ئۇندا ئاشلىنىپ، قۇرۇتۇلۇپ، ئۇۋۇلاپ يۇمشىتىلىدۇ. ئاندىن تېرە يۈزىگە ئەندىزە قويۇلۇپ تۆت تالالىق، ئالتە تالالىق قىلىپ ئۆلچەملىك كېسىلگەندىن كېيىن، ئۇلار بىر – بىرىگە چېتىلىپ تۇماقنىڭ تۆپىلىكى پۈتتۈرۈلىدۇ. ئەگەر تۇماق ياكى قۇلاقچىلارغا ئەستەر ئالماق بولۇنسا، رەختكە پاختا سېلىپ شېرىلىپ، تۆپە تالاسىدەك كېسىپ تىكىلىپ، تۆپىلىك ئەستەرگە كىيدۈرۈلۈپ، ئەتراپى يۆمەپ تىكىلگەندىن كېيىن، قېلىپقا سېلىنىپ مويلىرى قايچا بىلەن قىرقىلىپ تەكشىلىنىدۇ ۋە تەكشىلەنگەن موي سۇ پۈركۈلۈپ چىۋىقدىلىپ سۈنئىي بۈدۈرە قىلىنىدۇ. بۈدۈرنىڭ ئاسان بۇزۇلماسلىقى ئۈچۈن، ناۋات شىرنىسى ئېغىز بىلەن مويغا پۈركىلىدۇ. بۇ جەريانلاردىن كېيىن تۇماق، قۇلاقچا قېلىپتىن چىقىرىلىپ بازارغا تەييار بولغان بولىدۇ.

      ئەگەر ئىشلىتىلگەن تېرىنىڭ مويى ئالىپاساق بولۇپ قالسا، ئۆز رەڭگىگە ئوخشىتىپ بويىلىدۇ. تۇماق، قۇلاقچىلارنىڭ تۆپىسى خۇرۇمدىن ئىشلەنگەن بولسا، قارا گۈل ياكى ئۆتۈك مېيى بىلەن پەردازلىنىدۇ.

      ئاق تېرە تۇماقلارغا ئاق سىزىقچە گۈل چىقىرىلىدۇ ۋە گەج بىلەن ئاق پەرداز بېرىلىدۇ.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر