باش بەت | كىيىم – كېچەك

قەدىمكى نۇسخىدىكى زىننەت بۇيۇملار

  بۈمەريەم شېرىپ خۇشتار

 

      ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇزاق زامانلاردىن تارتىپلا زىننەت بۇيۇملىرى تاقاشقا ئادەتلەنگەن. ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››دا بۇ ھەقتە مۇنداق خاتىرىلەنگەن: ‹‹كىمسەن›› — دوپپا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باش كىيىملەرگە تاقايدىغان ئالتۇن قاداق؛ ‹‹بوغماق›› — ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ياسىلىپ، ئۈستىگە قىممەت باھالىق تاش، مەرۋايىت ئورنىتىلىدىغان، قىزلار توي كۈنى تاقايدىغان نەپىس زىننەت بۇيۇمى؛ ‹‹مۇنچاق›› — بويۇنغا ئاسىدىغان قىممەت باھالىق زىننەت تاشلىرى؛ ‹‹باقان›› — ئالتۇن ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئېسىل مېتالدا ئىشلەنگەن مېدالىئون؛ ‹‹كوپە›› — ئالتۇن ياكى كۈمۈشتە نەپىس ياسالغان ھالقا(ئۇنىڭ تولغاق سۆكتە ئىشلەنگەن بوز مۇنچاق قاتارلىق تۈرلىرى بار)؛ ‹‹ئۈزۈك›› — ئاق، سۈزۈك قاشتېشىدا يۇمىلاق، نەپىس ئىشلىنىدىغان بىر خىل زىننەت بۇيۇمى بولۇپ، ئاياللار ئۇنى قول بارمىقىغا سالىدۇ. بۇنداق زىننەت بۇيۇمىنى سالغان ئادەمگە چاقماق تەگمەيدۇ؛ ‹‹تىزىلدۇرۇڭ›› — ئايالچە ئۆتۈكنىڭ تۇمشۇقىغا بېكىتىلىدىغان زىننەت تەڭگىلىرى...

      يۇقىرىقى خاتىرە ۋە دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن قېزىۋېلىنغان ۋە مىراس سۈپىتىدە كىشىلەر ئارىسىدا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ساقلىنىپ كېلىۋاتقان زىننەت بۇيۇملىرى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ تۈرىنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇلار ئالتۇن – كۈمۈش زىرە، پاقا شەكىللىك سۆكە، قۇلۇپلۇق سۆكە، يالاڭ چېچەك، قوش چېچەك ھالقا، چىغىرىتماق شەكىللىك قۇلۇپلۇق ئالتۇن – كۈمۈش بىلەزۈك، ياقۇت كۆزلۈك ئالتۇن زىرە، قوڭغۇراق شەكىللىك ئالتۇن – كۈمۈش تۈگمە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

      بۇنداق زىننەت بۇيۇملىرى، قارىماققا، قاراخانىيلار دەۋرىگە مەنسۇپتەك تۇرسىمۇ، ئۇلارنىڭ يىل دەۋرىنى ئەمەلىيەتتە مىلادىدىن بىرنەچچە ئەسىر نېرىگە سۈرۈش مۇمكىن.

      1. باقان(مېدالىئون). مارجانلىق ئالتۇن – كۈمۈش باقان، ياپما شەكىللىك ئالتۇن – كۈمۈش باقان، يۈرەك شەكىللىك ئالتۇن باقان، چېچەك شەكىللىك ئالتۇن باقان، دەپ تۆت تۈرگە ئايرىلىدۇ: 1) مارجانلىق ئالتۇن باقان — ئالتۇن زەنجىرنىڭ بىرنەچچە يېرىگە چىرايلىق ئۈنچە – مەرۋايىت ئورنىتىلىپ، تېخىمۇ چىرايلىقلاشتۇرۇلغان زىننەت بۇيۇمى. مىلادىدىن بۇرۇنقى دەۋرگە تەۋە بۇنداق باقان ئۈرۈمچى تەۋەسىدىن قېزىۋېلىنغان؛ 2) يۈرەك شەكىللىك ئالتۇن باقان — ئالتۇن زەنجىرنىڭ ئوتتۇرىسىغا يۈرەك شەكلىدىكى ئالتۇن ئورنىتىلىدىغان مېدالىئون؛ 3) ياپما شەكىللىك ئالتۇن – كۈمۈش باقان — ئەينى زامانلاردىكى ئالتۇن – كۈمۈش پۇللارنىڭ چۆرىسىگە تۆشۈك تېشىپ، ئۇنىڭغا يىپ ياكى زەنجىر ئۆتكۈزۈپ بويۇنغا ئېسىلىدىغان زىننەت بۇيۇمى؛ 4) چېچەك شەكىللىك ئالتۇن باقان — پورەكلەپ ئېچىلغان گۈل – چېچەككە ئوخشىتىپ ئالتۇندىن ياسىلىپ بويۇنغا ئېسىلىدىغان زىننەت بۇيۇمى. پىچان ناھىيىسى تەۋەسىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى زامانلارغا مەنسۇپ مۇشۇنداق باقان قېزىۋېلىنغان.

      2. مانچاق. ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىلگىرى مونچاق، ئۈنچە – مارجان، سەدەپ، كەھرىۋا ۋە مەرۋايىت قاتارلىق ئېسىل تاشلارنى مەشۇت يىپقا ئۆتكۈزۈپ بوينىغا ئاسقان. بۇنداق زىننەت بۇيۇمىنىڭ تارىخىمۇ ناھايىتى ئۇزاق بولۇپ، مىللىتىمىزدىكى ئۈنچىخان، مارجانخان، مەرۋايىت دېگەن ئايال(قىز) ئىسىملىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىمۇ خەلقىمىزنىڭ ئاشۇنداق تاشلارنىڭ قىممىتىنى بىلىش، ئىشلىتىش تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

      3. كوپە(ھالقا). كوپىنىڭ سۆكە، چېچەك، بوز مونچاق قاتارلىق تۈرلىرى بار. تېكەس، ئاقچى ناھىيىسى تەۋەسىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە تەئەللۇق ئۈزۈم ۋە بېلىق شەكىللىك ئالتۇن زىرە قېزىۋېلىنغان.

      4. بىلەزۈك. بۇنىڭ ياپىلاق، يۇمىلاق، نەقىشلىك، ياقۇت كۆزلۈك ۋە چىغىرىتماق شەكىللىك قۇلۇپلۇق تۈرلىرى بولغان. ئىلى، بورتالا رايونلىرىدىن چىغىرىتماق شەكىللىك، ياپىلاق ئالتۇن بىلەزۈكلەر تېپىلغان.

      5. تۈگمە. تۈگمە كىيىم – كېچەكلەرنىڭ ئالدىنى ئېتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئاياللىرى قەدىمكى زامانلاردا ئۇنىڭدىن زىننەت بۇيۇمى ئورنىدىمۇ پايدىلانغان.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر