باش بەت | تەربىيچىلىرىمىز

غۇنچىلار بىلەن سىرداش ھايات

ئايشەمگۈل جاپپار (مۇخبىرىمىز)

 

      ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى مۇنەۋۋەر ئابدۇرېشىت مۇئەللىم خىزمەتكە قاتناشقان 25 يىلدىن بۇيان ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە شان – شەرەپلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كېلىۋاتقان تۆھپىكار باغۋەنلەرنىڭ بىرى.

      مۇنەۋۋەر مۇئەللىم 1987 – يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئومۇمىي پەن كەسپىنى پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19 – باشلانغۇچ مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغاندىن كېيىن 1 – يىللىقنىڭ سىنىپ مەسئۇلىلىق ۋە ئەدەبىيات دەرسى بېرىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئۇ بىر تەرەپتىن پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆگەنسە ، يەنە بىر تەرەپتىن كەسىپتە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ قېتىرقىنىپ ئىزدەندى. دەرس ئۆتكەندە رەسىم، كومپيۇتېر قاتارلىقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى زىچ بىرلەشتۈردى. نەتىجىدە ئۇنىڭ دەرس ئۆتكەندىكى ئۆزگىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، جۇشقۇن كەيپىياتى، مۇلايىملىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

      مۇنەۋۋەر مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايقاشقا، ئۇلارغا كۆپرەك ئىلھام بېرىشكە ئەھمىيەت بەردى. سىنىپتا ئايدا بىر قېتىم زېھىن سىناش، ماقالە يېزىش ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا شارائىت ھازىرلاپ بەردى. پەننى سۆيۈش تەربىيەسى، ئەخلاق تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ‹‹ئىلىم – پەننى سۆيۈش››، ‹‹لېي فېڭدىن ئۆگىنىش››، ‹‹مۇھىتنى ئاسراش››، ‹‹ئىتتىپاقلىقنى كۈيلەش›› قاتارلىق تېمىلاردا ئوتتۇرا ئەترەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇردى. ھەر قېتىم يېڭىدىن سىنىپ تۇتقاندا ھەربىر ئوقۇغۇچى ئۈستىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ ئۇلار توغرىسىدا بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولدى. ھەر كۈنى مەكتەپكە بالدۇر كېلىپ ئوقۇغۇچىلارنى مۇزاكىرىگە تەشكىللىدى، دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن دەرستە يېتىشەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم تەكرار قىلىپ بەردى، ئوقۇغۇچىلارغا ئادىل، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ تۇردى، قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ماتېرىيال پۇلىنى تۆلەپ، ئۇلارغا كىيىم – كېچەك ياردەم قىلدى، ھېيت – بايرام كۈنلىرى ئائىلىسىگە ئۇن، ماي، گۈرۈچ قاتارلىقلارنى يەتكۈزۈپ بەردى.

      مۇنەۋۋەر مۇئەللىم سىنىپىدىكى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇققا زىيادە بېرىلىپ كېتىپ دەرسكە كۆڭۈل قويمايۋاتقانلىقىنى، يالغان سەۋەبلەر بىلەن كۆپ قېتىم دەرس تاشلىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىپ تەربىيە بەردى، كەم قالغان دەرسلىرىنى تەكرار قىلدۇردى. نەتىجىدە بۇ ئوقۇغۇچى دەرستە تېز ئىلگىرىلەپ ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

      مۇنەۋۋەر مۇئەللىم 25 يىل سىنىپ مەسئۇلى بولۇش جەريانىدا ئۈن – تىنسىز ئىشلىدى. ئەجرىگە يارىشا تىيانشان رايونى، شەھەر بويىچە كۆپ قېتىم ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى››، ‹‹ئۈلگىلىك سىنىپ مەسئۇلى››، ‹‹مۇنەۋۋەر يېتەكچى›› بولۇپ باھالاندى.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر